0:00 / 0:00
كانادا ھۆكۈمىتى بۇ يىل دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 61- قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كانادادىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.