ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىپلىدى


2004.12.15

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا "خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكى" دېگەن تېمىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىدىن سىرت يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ت كۇمار ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋۇ خوڭدا ئىسپاتلىقتىن ئۆتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىسپاتلىقتىن ئۆتۈپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

ئۇلار يىغىندا، خىتاينىڭ ئىلگىرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كونا چارىلىرىدىن سىرت يەنە، ھازىر يېڭىچە ئۇسۇللاردا سىياسىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا ئىسپات بەرگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئامېرىكىدىكى "لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى ۋۇ خوڭدا خىتايدىكى ھەر بىر پۇقرانىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

"پىلانلىق تۇغۇت" نىڭ قۇربانلىرى گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى

ۋۇ خوڭدا سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغان ھەر بىر پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا، قانۇنسىز قورساق كۆتۈرۈش، قانۇنسىز تۇغۇش ۋە ساندىن ئارتۇق بالا ئېلىش بىلەن ئەيىپلىنىپ، ھەر خىل جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي بالىسى ئالدۇرىۋېتىلگەن ھازىر ئامېرىكىدا ياشاپ تۇرۇشلۇق ما دوڭفېڭ خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپاتلىق بېرىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.

ما دوڭفېڭ سۆزىدە، ئۇنىڭ بالىسىنى ئالدۇرىۋېتىش جەريانىدا دوختۇرخانا ئۇرغان ئۇكۇللارنىڭ تەسىرىنى ھازىرغىچە كۆرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە روھى جەھەتتىن ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئومۇمىيۈزلىك توختالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر بيوروسىنىڭ ياردەمچى سېكرىتارى مايكېل كوزاك(Michael g. Kozak) خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مايكېل كوزاك ئەپەندى سۆزىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدا، ئۆزىنىڭ تىنچ يول بىلەن قارشىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇستەقىل دىنىي رەھبەرلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۆپ تەلەپلەر قويۇلدى

خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر بيوروسىنىڭ ياردەمچى سېكرىتارى ئارتۇر دېۋېي، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ "ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشى" ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ يەنە داۋاملىق تۈردە بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ت . كۇمار (T.Kumar)خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرىشىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ت كۇمار سۆزىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، كېلەر يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم سۇنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىمۇ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ت كۇمار سۆزىدە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا مۇشۇنداق بېسىم ئىشلەتسە، بۇنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىم ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىلانلىق تۇغۇت، نوپۇسنى كونترول قىلىشنىڭ بىردىن – بىر چارىسى ئەمەس

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى توم لەنتوس، نيۇجېرسى شتاتىنىڭ دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كرىس سمىس ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي، موڭغولىيە ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جوسېف دونوۋان قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەيىپلىدى ھەمدە بۇنىڭ نوپۇس چەكلەشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا يىغىندا سۆز قىلغان بارلىق ۋەكىللەر بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان ماۋ خېڭفېڭنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.