
12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چەتئەلدە تونۇلغان رەخبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت – ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولغان خوجا توپە مەسچىتىدە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ھەتمە – قۇرئان قىلىندى.
ھەتمە – قۇرئان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەچ سائەت يەتتىدە تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان" ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئوكۈزۈلدى. سۆھبەتتە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكولتۇتى ئوقۇتقۇچىسى سائادەتتىن گومەق ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتەكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا سۆز قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ