تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەسلەپ ئۆتۈلدى
2006.12.19
12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بۈيۈك سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى، پىداكار ئىنقىلابچى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 11 -يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قەيسىرى ۋە ئەنقەرە شەھرىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بولسا ئىستانبۇلدا مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
ئەنقەرەدىكى يىغىلىش تۈركىيە ئاكادېمىكلار بىرلىكى يەنى ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئەنقەرەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور شۈكۈر قوچ ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ خاتىرلەش يىغىنىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى "ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن ئەپەندى" تېمىسىدا، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەھمەت شاھىنگۆز ئەپەندى بولسا "لېدىرىمىز ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" تېمىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا، 94 يىللىق ھاياتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ۋە ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى يولىدىكى كۈرەشكە سەرپ قىلغان ئەيسا ئەپەندى 20 -ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدا ياندۇرغان ئىستىقلال مەشئىلىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۆچۈرمەي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈڭە قەدەر ئۇلاشتۇرۇپ، مىللى مۇجادىلىمىزنىڭ ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپە قوشتى، ئۇ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىپتىخارى ۋە غۇرۇرىغا ئايلاندى، دېيىلدى.
ئىستانبۇلدا شەرقى تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقى تۈركىستان تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىلىپ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغان پروفېسسور، دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. يىغىندا سۆز قىلغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى سۆزىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى ئەسلەپ ئۆتتى.
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1925 - يىللىرى ئۆزىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرىيىتىگە ئاتىغان ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، 1995 - يىلى 17 - دېكابىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، تۈرك دۇنياسى، ئەرەپ دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر بىر زات.
بىز ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەسئۇد سەبىرى بايقۇزى ئەپەندىنىڭ "نىيازقىز " دراممىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا قارشى چىقىشىنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرى
- گېرمانىيە ۋە تۈركىيىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى خاتىرىلەندى
- ئۈچ ئەپەندىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان نۇتۇقلاردىن ئارىيىلەر
- ئىستانبۇلدا ئۈچ ئەپەندىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلدى
- ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ توققۇز يىللىقى خاتىرىلەندى