تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەسلەپ ئۆتۈلدى

0:00 / 0:00
E.Y.Alptekin-200.jpg
بۈيۈك سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى، پىداكار ئىنقىلابچى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن. RFA Photo / Erkin Tarim

12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بۈيۈك سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى، پىداكار ئىنقىلابچى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 12 - يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قەيسەرى ۋە ئەنقەرە شەھرىدىكى ئەنقەرە شۆبىسىدە، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ خاتىرلەش يىغىنىدا ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى،`لىدىرىمىز ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېمىسىدا` سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان بەزى رەھبەرلەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يىغىندا، 94 يىللىق ھاياتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ۋە ئىنسانى ھەق- ھوقۇقلىرى يولىدىكى كۈرەشكە سەرپ قىلغان ئەيسا ئەپەندى 20 - ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدا ياندۇرغان ئىستىقلال مەشئىلىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۆچۈرمەي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۇلاشتۇرۇپ، مىللى مۇجادىلىمىزنىڭ ئەبەدىلىكى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپە قوشتى. ئۇ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىپتىخارى ۋە غۇرۇرىغا ئايلاندى، دېيىلدى.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1925 - يىللىرى ئۆزىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرىيىتىگە ئاتىغان ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، 1995- يىلى 17- دېكابىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، تۈرك دۇنياسى، ئەرەپ دۇنياسى ۋە غەرىپ دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر بىر زات.

بىز ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ھايرۇللاھ ئەفەندىگۈل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە ئىشلىرى رەھبىرى ئەھمەئاكسۇ يۈسۈپ ئالىپتېكىن توغرىسىدا سۆز قىلىپ ئۆتتى. بىز مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىگە جانابى ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. (ئەركىن تارىم)