گېرمانىيە ۋە تۈركىيىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى خاتىرىلەندى


2005.12.19
eysabeg-1928.jpg
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (1928-يىلى تارتىلغان) (1901-1995)

18-دېكابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ تەشكىللىرىشى بىلەن، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىغا ئون يىل توشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تالاۋەت ۋە خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئەركىن ئالىپتېكىن، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى رەئىسى مۇھسىن يازۇچىئوغلى شۇنىڭدەك تۈرك ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پۈتۈن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بېغىشلىغان پېشقەدەم سىياسىيون ئەيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ئەنقەرە ھاجىتۆپە ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەيسا ئالىپتېكىن ۋەخپى باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندى قاتارلىقلار مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىز-ئىشلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم ۋە تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.