ئەزەربەيجاندىكى "تۈركىستان" گېزىتى


2007.11.23

turkistan-geziti-200.jpg
"تۈركىستان" گېزىتىنىڭ نۇسخىسى. RFA / Erkin Tarim

11- نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى باكۇدا چىقىۋاتقان تۈركىستان گېزىتىنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى تۈركىستان گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تەۋفىك ئەپەندى، باش تەھرىر ئاقىل جامال ئەپەندى قىزغىن كۈتۈۋالدى. تەۋفىك بىزگە تۈركىستان گېزىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. كېيىن بىز تۈركىستان گېزىتىنى تەسىس قىلغۇچى كىشىلەردىن بىرى بولغان تەۋفىك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك تەۋفىك ئەپەندى سىز تۈركىستان گېزىتى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتسىڭىز قانداق؟

تەۋفىك ئەپەندى: تۈركىستان گېزىتى بىر يېرىم يىلدىن بېرى چىقىۋاتىدۇ. تۈركىستان گېزىتىنى چىقىرىشتىكى مەقسىتىمىز تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. بىرىنچىسى ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل بولغان بولالمىغان پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دەرت -ئەلەملىرىنى، تارىخىنى، ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە كېلەچىكىنى ئەزەربەيجان خەلقىغە ئاڭلىتىش. ئىككىنچىسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن، بۈگۈنكى خىتايلار قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنى ئايرىم ئايرىم تۇغقان ئەمەس مىللەتلەردەك كۆرسىتىپ، ئوتتۇرىسىغا پىتنە پاسات سېلىپ پارچىلاشقا تىرىشتى ۋە پارچىلىدى. بۇ قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىق باغلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىش. مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ئەسكىرى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. ئۈچىنچى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى مۇستەقىللىقنى يوقۇتۇپ قويغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ باي تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز مىللى كىملىكىنى قوغداپ قېلىش، ئالدى بىلەن مەدەنىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا سىياسى جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك تەۋفىك ئەپەندى سىز گېزىتىڭىزنىڭ بېشىغا بىر خەرىتە قويۇپسىز، ئۇ خەرىتىدە تۈركىي مىللەتلەر ياشىغان ھەممە يەرنى تۈركىستاننىڭ ئىچىگە قويۇپسىز، سىزچە تۈركىستان قەيەر؟

تەۋفىك ئەپەندى: بىز دەسلەپتە گېزىتىمىزنىڭ ئىسمىنى تۇران قويايلى دەپ ئويلىغان ئىدۇق. كېيىن بىز ئويلىدۇقكى تۇران بىر جۇغراپىيىۋى ئىسىم. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسمىنى بۈگۈنكى ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇغراپىيىگە تارىختا تۇران دەپ ئىسىم بەرگەن. شۇڭا بىز گېزىتىمىزنىڭ ئىسمىنى تۇران ئەمەس تۈركىستان قويدۇق. تۈركىستان ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك قەيەردە تۈركىي مىللەت بولسا ئۇ يەر بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، بىزنىڭ زېمىنىمىزدۇر. قىسقىسى قەيەردە تۈركىي مىللەت بولسا ئۇ يەر تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسىدۇر. تۈركىستان دېگەن سۆز تۈركىي مىللەتلەر ياشاۋاتقان يەر مەنىسىدەدۇر.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك تەۋفىك ئەپەندى تۈركىستان گېزىتىنىڭ ئەزەربەيجاندا ئوقۇرمەنلىرى كۆپمۇ؟

تەۋفىك ئەپەندى: بىز گېزىتنى يېڭى چىقىرىشقا باشلىغاندا كۆپ ئىككىلەندۇق. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن مەقسەتلىرىمىزگە قارشى چىقىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ ئىدى. ئەگەر تۈركىي مىللەتلەر ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان ئۆز مەدەنىيىتىگە ئىگە چىقىدىغان مىللەت بولغان بولسا، بۇ گېزىتنى چىقىرىشقا كېرەك يوق ئىدى. گېزىتنى يېڭى چىقارغان ۋاقتىمىزدا 30-25% ساتالىغان بولساق، بۈگۈن %85-90 سېتىۋاتىمىز. دېمەك بۇ گېزىتكە قىزىققانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. گېزىتىمىز تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، تور بېتى ئارقىلىق 10 مىڭلارچە ئىنسان ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ بىزنى تېخىمۇ خوشال قىلىۋاتىدۇ. تور بېتى ئادرىسىمىز: www.turkustan.org

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك تەۋفىك ئەپەندى ئەزەربەيجان خەلقى ئۇيغۇرلارنى بىلەمدۇ؟

تەۋفىك ئەپەندى: شۇنى ئوچۇق دېمەكچىمەنكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بىزگىمۇ ئۆز تارىخىمىز ئوقۇتۇلمىغان، ئەمما زىيالىيلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار بار ئىدى. بۈگۈن ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدۇ دېسەك يالغان گەپ قىلغان بولۇپ قالىمىز. ھازىر بىز چىقىرىۋاتقان تۈركىستان گېزىتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەزەربەيجان ياشلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتى بار. بىز گېزىتىمىزنىڭ ھەر سانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ۋە ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى بېسىۋاتىمىز. بۈگۈن ئەزەربەيجاندىكى دۇكانلارنى، كىتابخانلارنى ئايلىنىدىغان بولسىڭىز شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىتابلارنى سېتىۋالالايسىز.

ئەركىن تارىم: ئەزەربەيجان ئۇزۇن يىل رۇسلارنىڭ قول ئاستىدا ياشىدى، رۇسچە ئوقۇدى، ئەمما بۇ يەردە ھەممە كىشى ئانا تىلىنى بىلىدىكەن، بۇ قانداق بولدى؟

تەۋفىك ئەپەندى: 1960-يىللاردا ھەرقانداق بىر مىللەت ئەگەر تىلىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە بىر نەرسە دېسە ئۆلۈمنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك ئىدى. بىر مىللەت تىلىنى يوقۇتۇپ قويسا ئۇ مىللەت يوق بولدى دېمەكتۇر. 1960-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بەزى يازغۇچىلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز ئانا تىلى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئانا تىلىمدا ئوقۇيمەن دېگەن ئادەملەرنى رۇس كوممۇنىستلىرى جازالايتتى. 1988-يىللاردا ئەزەربەيجان خەلقى مۇستەقىللىق ئۈچۈن قوزغالدى. ئۆز ئانا تىلىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ مىللىتىنىڭ قەدرىنى بىلدى. ماڭا مۇستەقىللىق لازىم، ئانا تىلىم لازىم دېدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدە ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ۋە بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھېچقانداق كۈرەش ئېلىپ بارمىدى، ئەزەربەيجان خەلقى بولسا مۇستەقىللىق ئۈچۈن جېنىنى بەردى. 1990-يىلدىكى قانلىق ۋەقە بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. قىسقىسى تىل بىر مىللەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. تىلنى قوغداپ قالسىڭىز مۇستەقىللىقىڭىزمۇ ئاسانلىشىدۇ. قېرىنداش ئۇيغۇر تۈركلىرى بۈگۈن مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر تۈركلىرى چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشەلەيدۇ چۈنكى بۇ مىللەت 2000 يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم دۆلىتىنى يوقۇتۇپ قويۇپ قايتا دۆلەت قۇرغان بىر مىللەت. مەن ئەزەربەيجاندىن پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.