جەنۋەدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 64 - نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ يىللىق يىغىنى جەريانىدا، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن دوكلاتلار ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۆھبەت خاتىرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1600 نەپەر فالۇنگۇڭ ئەزاسى قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "ئېتىقاد ئەركىنلىكى" بويىچە ئەۋەتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، فالۇنگۇڭنى باستۇرۇپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر 1600 نەپەر فالۇنگۇڭ ئەزاسى قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن. نەچچە يۈزلىگەن فالۇنگۇڭچىلار سوتقا تارتىلىپ، ئۇلارغا 20 يىللارچە قاماق جازاسى بېرىلگەن. بەزى فالۇنگۇڭ ئەزالىرى قانۇنسىز ھالدا روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلىپ، قاماپ قويۇلغان. نۇرغۇنلىغان فالۇنگۇڭچىلار سوتقا ئەۋەتىلمەي تۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلگەن ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، نازارەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن فالۇنگۇڭچىلارنىڭ سانى 1000 غا يەتكەن. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن بۇ ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "ئېتىقاد ئەركىنلىكى" بويىچە ئەۋەتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەن.
فالۇنگۇڭ ئەزالىرى قىيىن – قىستاققا ئۇچرىماقتا
جەنۋەدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىللىق يىغىنى جەريانىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى داۋاملىق ھالدا خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.
مەلۇماتلاردا يەنە، فا لۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ قاماقتا تۈرلۈك قىيىن- قىستاقلارغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىنسان چىدۇغۇسىز قىيناشلارغا يولۇقىۋاتقانلىقى ۋە يارىلانغان فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ داۋالىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە خىتاينىڭ "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" دېگىنى 1 يىلدىن 3 يىلغىچە بولغان ھەتتا يەنە بىر يىل ئۇزارتسىمۇ بولىدىغان نازارەت ئاستىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق ئەرز قىلىش، تەكشۈرۈش ياكى سوتلاش دىگەندەكلەر كەتمەيدۇ. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئۇرۇنلىرىغا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ھېچقانداق ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ياكى ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بولمايدۇ.
2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سوت تەرتىپىگە خىلاپ قىلمىشلار، سوتچى ۋە ئادۋوكاتنىڭ مۇستەقىللىقى، سۆزلەش ئەركىنلىكىنى قوغداش، قىيىن- قىستاق مەسىلىسى، ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشلىرى، خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساقلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار بويىچە مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى خىتايغا ئەۋەتكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىئىسلىرى بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ فا لۇنگۇڭ تەشكىلاتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان فا لۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى نۇرغۇن دىلولار ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دوكلات سۇنغان ھەمدە يۈز بەرگەن دىلولارنى مىسالغا ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.
"610 ئىشخانىسى"
جەنۋەدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىللىق يىغىنى جەريانىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا يەنە، كوممۇنىست خىتاينىڭ 1999 – يىلى 6 - ئاينىڭ 10 كۈنى فالۇنگۇڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشخانا قۇرغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئىشخانىنى قۇرۇلغان ئاي- كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن "610 ئىشخانىسى" دەپ نام قويغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئىشخانا قۇرۇلىشى بىلەنلا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۆز ئالدىغا فا لۇنگۇڭ قاتارلىق بارلىق غەيرىي تەشكىلاتلارنى خالىغانچە قاتتىق باستۇرۇشقا باشلىغان. 1999 – يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، فا لۇنگۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي چەكلەنگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرى نۇرغۇن قارار ۋە ئۇقتۇرۇشلارنى چۈشۈرۈپ، فا لۇنگۇڭنى باستۇرۇش جەھەتتىكى بارلىق ھەرىكەتلەرنى رەسمى قانۇنلاشتۇرغان. دوكلاتتا يەنە: 1999 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 – كۈنى خىتاينىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئەدىلىيە ئورۇنلىرىغا سىياسىي ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ غەيرى تەشكىلات ئەزالىرىنى قاتتىق جازالىشىنى، بولۇپمۇ فا لۇنگۇڭ ئەزالىرىنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا جىددىي بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. (مېھرىبان)