تۈركىيىدە فالۇنگوڭچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى جانلانماقتا

0:00 / 0:00
falungong-turkiye1.jpg
كۆرگەزمىدىن بىر كۆرۈنۈش

فالۇنگوڭ جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن تارتىپ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ۋە تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش قول قويۇش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ئەنقەرەنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى يۈكسەل كوچىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تەشۋىقات پائالىيىتىدە خىتايدىكى فالۇنگوڭچىلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى كۆرسىتىلگەن رەسىملەر ۋە ماتېرىياللار قويۇلغان.

بۇ پائالىيەت زىيارەتچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، بىز فالۇنگوڭ تۈركىيە شۆبىسى مەسئۇلى ۋاڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ ئالدى بىلەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- 1999-يىلىدىن بۈگۈنگىچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن تەنتەربىيە قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى باستۇردى. ھازىرغىچە مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلدى. يۈزمىڭلارچە كىشى تۈرمىلەرگە تاشلاندى. يەنە يۈزمىڭلارچە كىشى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا سولاندى. خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسان ھەق ھوقۇقى يوق. ھازىر فالۇنگوڭ 78 دۆلەتكە يېيىلدى. ھەر دۆلەتتە 25 مىڭ كىشى بۇ گۇمپىنى قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ تۈركىيىدىكى فالۇنگوڭچىلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- فالۇنگوڭچىلار تۈركىيىدە 1993 - يىلىدىن باشلاپلا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى. 2003-يىلىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن فالۇنگوڭچىلار بىرلىشىپ تۈركىيىدە قانۇنلۇق فالۇن گۇمپىسى جەمئىيىتىنى قۇردۇق. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنى مانا بۇ جەمئىيىتىمىز ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇ تۈركلەرنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- تۈركلەر ناھايىتى ئاقكۆڭۈل. بىز بۇ پائالىيەتنى تېخى تۈنۈگۈنلا باشلىغان بولساقمۇ ھازىرغىچە 3000 دىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ بولدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى قوللاپ قول قويدى. تۈرك خەلقى 21- ئەسىرگە كىرگەن كۈنىمىزدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر ئىنسانلىق گۇناھى ئىشلەۋاتقانلىقىغا ھەيران قالدى. ئۇلار بىزگە ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ، قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ.

ۋاڭ ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

falungong-turkiye2.jpg

-خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاقكۆڭۈل فالۇنگوڭچىلارغا قىلغان بېسىمىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ پارتىيە ياۋۇز بىر پارتىيە. ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا باستۇرۇپ قالماستىن، تىبەتلەرنىمۇ باستۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىسىدىن باشقا ھەممە نەرسىگە قارشى. شۇڭا بىز ئۇيغۇر خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىمىز.

بىز بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۆرۈۋاتقان زىيارەتچىلەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

- رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن نىمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟ - قاتتىق ئەيىبلەيمەن. نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك. بۇ قىرغىن ۋە تەن جازالىرىنى كۆرگەندىن كېيىن نەپرەتلەندىم. قايتا قايتا ئەيىبلەيمەن.

بۈلەنت ئىسىملىك بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئادەم ئادەمگە بۇنى قىلمايدۇ. مەنچە بۇلارنى قىلغان ئادەم ئەمەس.

گامزە ئىسىملىك قىز تەسىراتىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: مەنچە بۇ ئىنتايىن يىرگىنىشلىك. ئۇلار ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.

ئوزان بۇغدايچى ئىسىملىك بىر تۈرك فالۇنگوڭچى مۇنداق دېدى:

- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەپسۇسكى، ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسى سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر ئېتىقادقا، كۆز قاراشقا، ئىدىيىگە قارشى. خرىستىئانلىق، مۇسۇلمانلىق ھەممىسىگە قارشى. خىتايدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق. بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. ئەمما فالۇنگوڭچىلار خىتاينىڭ بۇ نەزەرىيىسىگە قاتتىق قارشى چىقتى. مېنىڭ بىلىشىمچە خىتايلار فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن 300 مىليارد دوللار پۇل خەجلىگەن ئىكەن.

فالۇنگوڭچى ئوزان بۇغدايچى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيىدە قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- بىز ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە پارلامېنتىغا باردۇق. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە بەردۇق. ئائىلىلىرىمىزگە، دوستلىرىمىزغا ئاڭلىتىۋاتىمىز. مەنچە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭچىلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى پالاكىتىدۇر. چۈنكى، فالۇن گۇمپىسىنى قىلىۋاتقانلار ئاۋام خەلقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق سىياسى مۇددىئاسى يوق .