تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 18 كىشىنىڭ روھىغا ئاتاپ فاتىھە ئوقۇتتى

0:00 / 0:00

خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن تەررورىست دەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن 18 كىشىنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇتۇلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى بەزى ئاقساقاللارنىڭ بىر ئارىغا يىغىلىشى بىلەن توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن 18 كىشىنىڭ روھىغا ئوقۇتۇلغان بۇ پاتىھە 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى يىپەك يولى تۈركىستان تاماقخانىسىدا، 14-چىسلا بولسا قەيسىرى شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئوقۇلدى.

شېھىتلەرنىڭ روھىغا خەتمە قۇرئان ئوقۇش يىغىلىشىغا ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.