ئۇيغۇرلار تۈركىيىدە خەلقئارا فېستىۋالغا قاتناشتى

0:00 / 0:00
festiwal-turkiye1.jpg
شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. RFA

شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان 20-نوۋەتلىك خەلقئارالىق باھار فېستىۋالىغا قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى. تۈركىيىنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا 20-نوۋەتلىك خەلقئارالىق باھار فېستىۋالى رەسمىي باشلاندى. 5-ئاينىڭ 3-كۇنىدىن 6-كۇنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ فېستىۋالغا ئازەربايجان، تۇركمەنىستان، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئىراق، پاكىستان، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا قىرىم تاتارلىرى، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ قاتناشتى.

بۇجان تۇركمەن: مۇستەقىل بولغان بولمىغان پۇتۇن مىللەتلەرنى بۇ يەردە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدۇق

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئانكارا شۆبىسى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى تونۇتۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئاچتى. بۇ فېستىۋال جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇزىكا گۇرۇپپىلىرى كونسېرت بېرىش بىلەن بىرلىكتە، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ شاھمات، پۇتبول، ۋاسكىتبول مۇسابىقىلىرىمۇ ئۆتكۈزىلىدىكەن.

بۇ فېستىۋالىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ياۋروئاسىيا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى بۇجان تۇركمەن بۇ فېستىۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

"20-نوۋەتلىك خەلقئارا باھار فېستىۋالىنى ياۋروئاسىيا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ ھەر يىلى بولۇپ ئۆتكەندەك بۇ يەردە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۇزۈلىۋاتىدۇ. بۇ يىلقى فېستىۋالىنىڭ پەرقى، بىز ياۋروئاسىيادىكى مۇستەقىل بولغان بولمىغان پۇتۇن مىللەتلەرنى بۇ يەردە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن جەمئىي 24 دۆلەت ۋە رايوندىن مىللەتلەر قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىپ بىزنى سۆيۈندۈردى. بۇ فېستىۋال دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان خايرۇللا ئەپەندىگۈل ئەپەندى بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

زىيارەتچىلەرنىڭ تەسىراتلىرى

بىز مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرمەنكىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق. مەتىن ئالتىنوك ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى تەسىراتىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: مەنچە شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىل بولۇشقا ھەممىدىن بەك لايىق بىر دۆلەت. مەن تارىخقا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى بىلىمەن. نۇرغۇن ياشلار بىلمەيدۇ. شۇڭا شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنى رادىئو تېلېۋىزىيەلەردە تەشۋىق قىلىش كېرەك. چۈنكى كىشىلەر رادىئو تېلېۋىزىيىنىڭ تەسىرىگە بەك جىك ئۇچرايدۇ.

festiwal-turkiye2.jpg
مۇخبىرىمىز زىيارەتچىلەرنى زىيارەت قىلماقتا. RFA

قىرغىزىستاندىن كېلىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سامىر ماناسوف كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

"تارىخى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 20-30-يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيالىگىمۇ كەلتۈرمەيىتتى. ئەمما سۈرئەت بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا ئويلىمىغان ئىشلار يۇز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى مۇمكىن".

يەرمەنكە مەيدانىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەن ئامېرىكىدا ياشايمەن. شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنى ئامېرىكىدىن تارتىپلا بىلىمەن. ئۇ يەرنىڭ شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچىم ئاغرىيدۇ. كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە شەرقىي تۇركىستان ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىيال ئوقۇدۇم. دۇنيا شەرقىي تۈركىستاننى بىلمەيدۇ، ئۇ يەرنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن تامامەن پەرقلىق ۋە ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

قازاقىستانغا ۋاكالىتەن فېستىۋالغا قاتناشقان مۇقاجان بۇ فېستىۋالىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"تارىخقا قارايدىغان بولساق ئىمپېرىئالىست كۈچلەر تۈركىي خەلقلەرنى پارچىلىۋەتكەن ئىدى. تۈركىي خەلقلەردە بىرلىك بولسا، ئۇلار زور بىر كۇچ بولالايدۇ. گەرچە بۇ فېستىۋالىدا كامبودژا، كورىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يەر ئالغان بولسىمۇ، كوپى تۈركىي دۆلەت ۋە خەلقلەردىن كەلگەن كىشىلەردۇر. شۇڭا بىر - بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىز، بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز ئۈچۈن بۇ خىل فېستىۋاللار ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرلار تونۇتىلىۋاتقان بۇ كۆرگەزمە بۆلۈمىگە زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشى قانداق دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەرگەن شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى خادىمى ئابدۇللا تۇرسۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى:

"ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ئىنتايىن ياخشى، ئۇلار ‘بۇ نېنىڭ بايرىقى، بۇ نېنىڭ خەرىتىسى، شەرقىي تۈركىستان دېگەن نەدە؟ ھازىر كىملەر ياشايدۇ؟ ‘ دېگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە ‘سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشى ۋە تەشكىلاتلار بارمۇ – يوق’ دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، رابىيە قادىر قاتارلىق ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرىنى توسنۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم".