ئۇيغۇرلار كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مەدەنىيەت ۋە تاماق فېستىۋالىدا ئوز مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلدى

0:00 / 0:00

كانادانىڭ Sherbrooke شەھرىدە كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 35-نوۋەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت ۋە تاماق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستىۋالغا 36 دۆلەتتىن كەلگەن ئۆمەكلەر قاتناشتى. ئۇيغۇرلار "ئۇيغۇرىستان" دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كېيىم -كېچەك، تاماق مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ۋە سىياسى تارىخى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسى مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

فېستىۋالىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ بۇ بايراقلار ئىچىدىن يەر ئالدى.

كۆرگەزمە جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئايرىلغان بۆلۈمىنى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گرىبى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ سىياسى خەرىتىسى ۋە مىلى چالغۇ ئەسۋاپلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ھاس بولغان سىياسى تارىخ ۋە مىللى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇيۇملار بىلەن بېزەلدى.

Sherbrooke شەھىرى Quebec شىتاتىغا قاراشلىق شەھەر بولۇپ، Quebec شىتاتى فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە فرانسۇز مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان كانادادىكى بىردىن بىر رايۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.