ئۇيغۇرلار مونتېئارالدىكى "دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تويلىرى" فېستىۋالىدا

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللار مەخسۇس ئۇيغۇر 12 مۇقامى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مۇزىكا نەزىرىيىچىسى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ھازىر كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ياشايدىغان تامارا ئەلىباقىيېۋا خانىم 3 - ئىيۇن كۈنى بىر قانچە ئۇيغۇرلار بىلەن مونترېئال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تويلىرى" دەپ ئاتالغان بىر فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.

تامارا خانىم، كۆپ يىللار قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولۇپ، مۇزىكاشۇناسلىقتىن دەرس بەرگەن ھەمدە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا مۇزىكانتلىق ۋە يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئاز ساندىكى مۇزىكاشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستانغا بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇلغان ئىدى. ئۇ.1999-يىلىدىن ئېتىبارەن كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ياشىماقتا.