تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۇرك دۇنياسى فېستىۋالغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

ياز ئايلىرى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە خەلقئارا ۋە دۆلەتلىك فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىل ئەۋەتىپ 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا قاتناشتى. بۇ فېستىۋالغا تاتار، نوغاي، ئۆزبېك، كافكاسىيە جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەمەت دونمەز ۋە فاتىھ ئاكيوللار قاتناشقان ۋە سوز قىلغان.