شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلا ۋاقىتتا 2 فېستىۋالغا قاتناشتى


2006.06.19

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلا ۋاقىتتا ئەنقەرە ۋە مەرسىندە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى چوڭ فېستىۋالغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

6-ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئەنقەرەدە ئۇچرىشىدۇ، ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۆرگەزمە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بەرىۋاتقان 85 ئەتراپىدا ئاممىۋىي تەشكىلات قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى قاتناشتى. يەنە 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مەرسىن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركمەن فېستىۋالغا ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىئايرى مۇخبىرى مىز مەرسىندە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان تۇرسۇنجان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى ۋە ئەنقەرەدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئابدۇللاھ تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.