كانادادا ئۇيغۇر مەدەنىيەت -سەنئىتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

0:00 / 0:00

كانادالىق رېجىسسور ئابىر ئالسايېد خانىم تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى سىياسى ئەھۋالى قىستۇرما قىلىنغان ھۆججەتلىك فلىم يېقىندا كانادادا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

21 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا سەنئىتى بىلەن مۇقام ئەنئەنىسىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. فىلىمدە يەنە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقمۇ ئۆز-ئارا زىچ كىرىشتۈرۈلگەن.

بۇ فىلىمنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا كانادانىڭ مونترەئال شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتكار دوكتور تامارا خانىم ۋە ئۇنىڭ كانادا McGill ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇزىكىشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان قىزى ئاداليات ئىسىيەۋا خانىم ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇلار چەتئەللىك فىلىم رېجىسسورىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ھەققىدە مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن يەنە، فىلىمدە تونۇشتۇرغۇچىلىق ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان.

تامارا خانىم موسكۋا ۋە قازاقىستانلاردا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان سەنەتكاردۇر.

بۇ فىلىم ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن تامارا خانىم ۋە ئۇنىڭ قىزى ئاداليات خانىمنى زىيارەت قىلدى.