رابىيە قادىر خانىم، 10 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى


2007.10.09

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋسالاۋ خاۋەل، چېخ مەدەنىيەت مىنستىرى ۋە پراگا شەھىرىنىڭ باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‏10- نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى 2008‏- يىلى 3‏- ئاينىڭ 5‏- كۈنىدىن 13‏- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ فېستىۋال شەرقىي ياۋرۇپادا كوممۇنىزم ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، رايوندا قۇرۇلغان ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانى ياردەم تەشكىلاتى ھېسابلانغان دۇنيا ھاجەتمەنلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان.

رۇدولف ۋرب ئا باھالاش كومىتېتى دەپ ئاتالغان مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرى بولسا، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە كۈرىشىگە يىتەكچىلىك قىلغان، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىپ، ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرى دەپ تونۇلغان رەھبەرلەر ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلەر قاتارىدا، 10‏- نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىغا سايلانغانلىقىدىن ناھايىتى خوشال ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

رابىيە قادىر خانىم، فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلەر يىلى مارت ئېيىدا چېخ جۇمھۇرىيىتىگە بارىدىغانلىقىنى ۋە بۇ فېستىۋال جەريانىدا چېخ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلسىنى شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇشقا ۋە چېخ ھۆكۈمىتى، خەلقى شۇنداقلا پۈتۈن شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.