فىنلاندىيە "پايتەخت مۇنبىرى" گېزىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
"گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى" خىتايچە قانىلىنىڭ 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىنلاندىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى فىنلاندىيە ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ نەشىرەفكارى بولغان "پايتەخت مۇنبىرى" گېزىتىدە، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىنغان.
چاقىرىقتا، 1936 - يىلى بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى گىتلېرنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم سىياسەتنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بارغانسىرى ئەۋجى ئېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا دەۋەت قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئولىمپىكنى كىم سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟
- "مەسىلىنىڭ تۈگۈنى دارفۇر ئەمەس بەلكى بېيجىڭدۇر"
- خىتاي ماللىرى ئىراق يەرلىك ماللىرىنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىدى
- ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئادەم سانى ساختا ئېلان قىلىنماقتا
- سپېلبېرگنىڭ ئىستىپاسى خىتايلارنى تەڭقىسلىقتا قويدى
- خىتاي ماللىرى سۈرىيە بازارلىرىغا بېسىپ كىرىپ يەرلىك ماللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈچ كۆرسەتتى
- كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ
- 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش توغرا قارارمۇ ؟
- كانادا ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قانۇن لايىھىسى تۈزمەكچى
- خىتاي دائىرىلىرى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى