فىنلاندىيە "پايتەخت مۇنبىرى" گېزىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

"گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى" خىتايچە قانىلىنىڭ 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىنلاندىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى فىنلاندىيە ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ نەشىرەفكارى بولغان "پايتەخت مۇنبىرى" گېزىتىدە، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىنغان.

چاقىرىقتا، 1936 - يىلى بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى گىتلېرنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم سىياسەتنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بارغانسىرى ئەۋجى ئېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا دەۋەت قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى ئاڭلايسىز.