ئۇيغۇرلار دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندىنىڭ شان - شەرىپى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا


2006.10.17
frank_wolf-200.jpg
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندى.

16 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەركىزى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانكۋولف ئەپەندىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان خىزمىتىنىڭ شان - شەرىپى ئۈچۈن "رەخمەت ئېيتىش" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

فرانكۋولف ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي خرىستىئان مۇرىتىلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئۇزۇندىن بېرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئەربابى ھېسابلىنىدۇ.

فرانك ۋولف، يالغۇز ئۇيغۇرلار تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى يەنى ئافرىقىدىكى سۇدانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. فرانكۋولف يەنە ئېزىلگەن مەزلۇم خەلقلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئامېرىكا خەلقىگە يەتكۈزۈش، ئامېرىكا سىياسىتىگە كىرگۈزۈش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

بۇ قېتىمقى "رەھمەت ئېيتىش" پائالىيىتىگە، ئامېرىكىدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانا خادىملىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.