فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ۋە ئۇيغۇرلار نامايىشى


2007.10.03

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ياۋروپاغا ئويۇن قويۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار، ئالدىنقى ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ئويۇن قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەپ ياۋروپاغا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى، مەيلى ياۋروپانىڭ قايسى شەھىرىگە بارمىسۇن، شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا دۇچ كەلدى.

مەزكۇر ئويۇن قويۇش ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 25-،26-، 27- كۈنلىرى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا 28 -، 29- كۈنلىرى ياۋروپادىكى سانائەت ۋە ئىقتىساد مەركىزى ۋە گېرمانىيىنىڭ داڭلىق شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان فرانكفورت شەھىرىدە ئويۇن كۆرسەتتى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە بولدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئۆمىكى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، فرانكفورت شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى نامايىش تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارنى باشقىچە بىرخىل يوسۇندا قارشى ئالغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرخىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

فرانكفورتقا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ياش يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى كۈرەش ئاتا خاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانكفورتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار چۈشكەن مېھمان خانىنىڭ كىرىش ئىشىكىگە ئۇدۇل جايىغا ئېسىپ ۋەتەنداش سەنئەتكارلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرگەن ۋە 29 - چېسلا كەچقۇرۇن، ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئويۇن قويغان تىياتىرخانا ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ فرانكفورتتىكى نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تەييارلىغان مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.