شىراك خىتايدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
2004.10.12
فرانسىيە پرېزدېنتى جەك شىراك سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭغا يىتىپ بېرىپ، خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيدە فرانسىيە كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى جىياڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
جەك شىراك ئۆتكەن شەنبە كۈنى 250 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، خىتايغا قاراتقان بەش كۈنلۈك سەپىرىنى باشلىغان. ئۇ بۇ سەپىرىدە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ كۆپىنچىسى فرانسىيىنىڭ سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلىرى ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە سودا ساھەسىدىكىلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان سودا كىلىشىمى تۈزگەن. خىتاي فرانسىيىدىن 700 مىڭ توننا ئاشلىق ۋە ئالتە دانە يولۇچىلار ئايرۇپىلانى سېتىۋىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش توختاملارنى تۈزگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، جەك شىراك دۈشەنبە كۈنى يەنە، شاڭخەي تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلىپ، تۈنجى قېتىم ئوچۇق ئاشكارا ھالدا كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. بۇنىڭ ئالدىدا جەك شىراك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىنتايىن ئىھتىياتچان بولغان. ئۇ ھەتتا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى فىرانسىيە 2 - تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، خىتاينى تەنقىتلەشتىن باش تارتىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىشتا ئوچۇق ئاشكارا تەنقىتنىڭ ئەكىسنچە رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي فرانسىيە ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ
ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايمۇ نۆۋەتتە فرانسىيە ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلماقتا. پارىژدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەمگەكچىلەر ھوقوقىنى كۈزىتىش ژورنىلى تەھرىرى سەي زۇڭگونىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، فرانسىيە خىتاينىڭ بازىرىغا ئىھتىياجلىق بولسا، خىتاي ئاساسلىقى فرانسىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىغا مۇھتاج ئىكەن.
ـ ئەمىلىيەتتە فرانسىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە، فرانسىيە ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ. خىتاي بازىرىنى تېخىمۇ ئىگەللەشنى، ئېكىسپورتنى كۆپەيتىشنى ۋە ئۆز دۆلىتىگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشنى، شۇنداقلادۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان چوڭ تىپلىق كارخانىلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما خىتايغا نىسپەتەن فرانسىيىدىن كىلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئانچە چوڭ ئەمەس. چۈنكى خىتاي فرانسىيىدىن سېتىۋالىدىغان نەرسىلەرگە باشقا دۆلەتلەردىنمۇ ئېرىشەلەيدۇ. بىراق خىتاي فرانسىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىغا ئىنتايىن مۇھتاج، خىتاي فرانسىيە ئارقىلىق ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەردىكى قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىش ئىھتىماللىقى چوڭ ئەمەس
شىراك خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىزچىل تۈردە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئېكىسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. بۇنىڭ ئالدىدا، بەزى مەلۇماتلاردا ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال چەكلىمىسىنىڭ كىلەر يىلى يازغىچە بىكار قىلىنىشى مومكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بىراق، بىر قىسىم ئانالىزچىلار شىراكنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى پەقەت خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر تاكتىكا دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قايىل قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
پارىژدىكى فرانسىيە پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پىئېر كەبىستېننىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل ياۋرۇپا بىرلىكى كېڭەيگەندىن كىيىن، خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىش ئىھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ بۇنى بىكار قىلىشنى تەكىتلىشى ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن بىخەتەر بىر تاكتىكا بولۇپ، فرانسىيە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە فرانسىيىگە ئەگەشمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلىدىكەن.
خوڭكوڭ شىنباۋ گېزىتىنىڭ سابىق باش تەھرىرى ، نۆۋەتتە ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق چىيۇشىياڭجۇڭمۇ بۇ ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دىدى:
ـ ئەنگىلىيە، دانىيە، شىۋىتسىيە، پولشا، ۋىنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر فرانسىيىنىڭ ھەممىلا پىكرىگە قوشۇلىۋەرمەيدۇ. ھازىر مۇشۇ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە بولامدۇ ۋە شۇنداقلا باشقا مەسىلىلەردە بولامدۇ، شۇنىسى ئايان بولدىكى ، ياۋرۇپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەسىلىلەردە بىر پىكىرگە كىلىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرۇپا بىرلىكىدىگە ئەزا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە تېخى بىر پىكىرگە كىلەلمىگەن.
فرانسىيە پرېزدېنتى جەك شىراك دۈشەنبە كۈنى شاڭخەي تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا يەنە، فرانسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقارادا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بىراق يۇقىرىقى ئانالىزچىلارنىڭ ھەممىسى، گەرچە فرانسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى چەكلەپ، خەلقئارا سەھنىدە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈش خائىشى ئوخشاش بولسىمۇ، خەلقئارا پىرىنسىپال مەسىلىلەردە فرانسىيىنىڭ يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئورتاقلىقىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ، خىتاي - فرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۇنچىلىك پارلاق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شىراكنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىدى
- فرانسىيە پرېزدېنتى شىراك شاڭخەيگە يېتىپ باردى
- فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتاي رەھبەرلىرىگە سىياسى مەھبۇسلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى يەتكۈزدى
- فرانسىيە پرېزىدېنتى شىراك، خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلدى