ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى


2007.11.26

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە خىتاي رەھبىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساركوزىينىڭ بۇ سەپىرىدە خىتاي بىلەن فرانسىيە سوممىسى زور مىقداردىكى يادرو ئېنېرگىيە ۋە ئاۋىئاتسىيە توختامنامىسى ئىمزالىدى.

" فرانسىيە ئەدلىيە، قانۇن، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۆلۈم جازاسى قاتارلىقلاردا ئىلگىرىلىگەن تەرەققىياتنى كۆرۈشكە تەقەززا "

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىينىڭ 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تىزىملىكتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئەمەس، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ساركوزىي دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن خەلق سارىيىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يەنى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش، جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئاخبارات ئەركىنلىكى، بېرما مەسىلىسىدە ياردەمچى بولۇش شۇنداقلا مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى.

ساركوزىيىنىڭ زىيارىتى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لامانى باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسىدا كۈتىۋېلىش ۋەقەسى تۈپەيلى خىتاينىڭ گېرمانىيىگە بولغان غەزىپى پەسەيمىگەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. لېكىن ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئۆلۈم جازاسى ۋە جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىقلاردا خىتاينى قەدەم بېسىشقا چاقىردى.

ساركوزىي مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ پۇقرالار ھوقۇقىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشىگە مەدھىيە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە بۇ ساھەدە" فرانسىيە ئىلگىرىلىگەن تەرەققىياتنى كۆرۈشكە، بولۇپمۇ ئەدلىيە ساھەسىدە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۆلۈم جازاسى قاتارلىقلاردا ئىلگىرىلىگەن تەرەققىياتنى كۆرۈشكە تەقەززا " دەيدۇ.

" ساركوزىينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى پەقەت ياۋروپالىقلارغا تەسەللى بېرىش "

ساركوزىي خىتاي سەپىرىگە يولغا چىقىش ئالدىدا مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئاخبارات ئەركىنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى 33 نەپەر مۇخبىر ھەمدە 55 نەپەر ئىنتېرنېت ئوبزورچىسىنىڭ دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

فرانسىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئېلېيسې سارىيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساركوزىي يەكشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشقاندا خىتاي دۆلەت رەئىسىگە ئۆلۈم جازاسىنى ئاز بېرىش توغرىسىدا نەسىھەت بەرگەن. ئەگەر ئېلېسېي سارىيىنىڭ باياناتى توغرا بولسا، بۇ نەسىھەت خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

ساركوزىينىڭ دۆلەت رەھبەرلىك سالاھىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى فرانسىيىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئىگىلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر فرانسىيىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا ئىدى. ئامېرىكا مىلۋاكې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتور كاندىداتى قىلىچ قاناتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، فرانسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەنئەنىۋىي مۇناسىۋىتىدىكى مەنپەئەتنى ئاساس قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ، "ساركوزىينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى پەقەت ياۋروپالىقلارغا تەسەللى بېرىشلا ئۈچۈن خالاس، " دەيدۇ.

خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش كېرەك

ساركوزىي خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن خەلق سارىيىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىدۇر. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنى خەلق پۇلى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ،"خەلق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىنى مۇۋاپىق ۋە ئادىل" تەڭشەشكە چاقىردى ھەمدە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىدىكى ئاكتىپ بالانىسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا كارخانا ساھەسى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئەرزان باھادىكى خىتاي توۋارلىرىنى ياۋروپاغا تۆكمە قىلىش ۋە فرانسىيە ھەم ياۋروپا بىلەن بولغان سودىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىد قىلماقتا. ساركوزىي،"خىتاي ئۆزىنىڭ پايدىسىنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ، خەلق پۇلى بىلەن ياۋرونىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئالدىرىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

مۇھىت مەسىلىسىنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساركوزىي خىتاينى مۇھىت مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇھىت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىسە، بۇنىڭ بەدىلى ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، "بىز خىتاينىڭ تەرەققىياتى داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن بىز يەنە خىتاي تەرەققىياتىنىڭ كاربونسىز، مۇھىت مەسىلىسىگە دوستانە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز بۇنىڭ خىتاي بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز " دەپ كۆرسەتتى.

خۇ جىنتاۋ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ساركوزىي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ "قىزغىن" ۋە "دوستانە " ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ساركوزىينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مېلۋاكى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىلىچ، ياۋروپا بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى قاتارلىقلاردا ئىختىلاپ مەۋجۈت بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە زور ئىختىلاپ بارلىقىنى ۋە ساركوزىينىڭ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" بىزنىڭ سەۋر ‏- تاقىتىمىز يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس "

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى ماندېلسون دۈشەنبە كۈنى خىتاينى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەۋر - تاقىتى تۈگەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي دائىرىلىرىنى ياۋروپا تاۋارلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشىدا يېتەرلىك تەدبىر ئالمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ماندېلسون، "ئۇلار بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەمىمىيىتىمىزنى سىناۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا تەدبىر ئالمىسا، بىزنىڭ سەۋر ‏- تاقىتىمىز يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس " دەيدۇ.

ساركوزىينىڭ خىتاي سەپىرىدىكى ئەڭ زور مۇۋاپپەقىيىتى فرانسىيىنىڭ خىتاي بىلەن سوممىسى زور ھەجىملىك يادرو ئېنېرگىيە ۋە ئاۋىئاتسىيە سودا توختامنامىسى ئىمزالىغانلىقىدۇر. فرانسىيە دۈشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن قىممىتى 30 مىليارد دوللار كېلىدىغان سودا توختامنامىسى ئىمزالاپ، خىتايغا 160 دانە يولۇچىلار ئايرۇپىلانى، فرانسىيە ئارېۋا شىركىتى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ يادرو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىگە 2 دانە يادرو رېئاكتور قازىنى سېتىپ بېرىدىغان بولدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.