فرانسىيىدە "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى


2008.02.04

1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلغان ۋە نەتىجىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان، ئاساسەن ياشلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زوراۋان سىياسىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىشكە يېتەرلىك پاكىت بولىدىغان "5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى" ۋەقەسى سادىر بولغان ئىدى.

بۇ يىل بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە توپ ‏ - توغرا 11 بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار "غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، خىتايغا قارشى كەڭ - كۆلەملىك نامايىش پائالىيىتىنى باشلىدى.

3 - فېۋرال يەنى يەكشەنبە كۈنى فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار، سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماستىن، پارىژدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا 1 - بولۇپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان ئەركىن ئەپەندى نامايىش قاتناشقۇچىلىرى ۋە بۇ يەرگە يىغىلغان فرانسىيىلىكلەرگە " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، جەريانى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ۋە فرانسۇز تىلىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر تەشكىللىگۈچىسى بولغان ئەكبەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئاخىرىدا نامايىش قاتناشقۇچىلىرىدىن بولغان كېرىم ئەپەندى نامايىش ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

"5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 - 1700 گىچە ئىككى سائەت داۋام قىلىپ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان. (ئايگۇل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.