
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا كېلىپ ئاق ساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا، توساتتىن ئوتتۇرىغا چىقىپ شۇئار توۋلاپ ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ۋاڭ خانىم 21 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا فېدېرال تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغان.مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر ئۇ سوتتا " گۇناھكار" دەپ بېكىتىلسە، كۆپ بولسا 6 ئاي قاماقتا يېتىپ 5000 دوللار جەرىمانە تۆلىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن ۋاڭ خانىم گەرچە سوت ئۈستىدە گەپ قىلمىغىنى بىلەن، سوتتىن چىقىپ ئۆزىنىڭ ئاق ساراي ئالدىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ھېچقانداق پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە "مەن بۇنداق قىلىشنى جىنايەت دەپ ھېسابلىمايمەن، بۇ پەقەت پۇقرالارنىڭ بويسۇنماسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل" دەپ كۆرسەتكەن.
20 – ئاپرىلدىكى ۋەقە
20 - ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خۇ جىنتاۋنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا، ۋاڭ ۋېنيى ئىسىملىق بۇ ئايال ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ سۆزى ئاياغلىشىپ، خۇ جىنتاۋ سۆزىنى باشلاش بىلەنلا "خىتاي ھۆكۈمىتى فا لۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىش جىنايىتىنى دەرھال توختاتسۇن ! خۇ جىنتاۋ، فالۇنگۇڭغا زىيانكەشلىك قىلىشنى دەرھال توختات! ئەگەر توختاتمىساڭ، سېنىڭ كۈنۈڭمۇ ئاز قالدى " دەپ ۋاقىرىغان. ئۇ يەنە ئىنگلىز تىلىدا " پرېزىدېنت بۇش، سىز ئۇنىڭ داۋاملىق ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە يول قويماڭ " دەپ توۋلىغان.
ۋاڭ خانىم ساقچىلارنىڭ ئۇنى توسۇشىغا بوي بەرمەي، ئۈنىنىڭ بېرىچە يۇقىرىقىدەك شوئارلارنى توختىماي توۋلىغان. شۇ چاغدا ئاقساراي ئالدىغا يىغىلغان مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئاق ساراي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىۋاتقان ۋاڭ خانىمغا مەركەزلەشكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بولسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي ھودۇقۇپ قالغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۇنىڭغا "بىر قانداق بولۇۋاتمىغانسىز ؟ " دەپ تەسەللىي بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى گېزىت، جورنال ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە مۇنازىرىلەر بېرىلگەن. ئامېرىكا CNN ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق بېرىۋاتقان خەۋىرى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان.
فالۇنگوڭچىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان
ۋاڭ ۋېنيى خانىم بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە بېتيون مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكىغا كېلىپ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر نيۇيورك شەھىرىدە دوختۇرلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلۇق ئېرا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ- سېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەر بىر قېتىم فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ بۇ خىل ئېچىنىشلىق ھالىتىدىن خەۋەردار بولغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتى ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن. دەل مۇشۇ تولۇپ تاشقان نەپرەت ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قىلغان.
گەرچە سوتتا ۋاڭ ۋېنيى خانىم "مەقسەتلىك پاراكەندىچىلىك چىقارغان" دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئانالىزچىلار ۋاڭ خانىمنى " ھەقىقەتنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچكەن ھەقىقىي قەھرىمان " دەپ ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرمەكتە.
ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بوس ئەپەندى "ئامېرىكا قانۇنىدىكى پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى ھەققىدىكى نىزامنامە بويىچە، ۋاڭ خانىمنىڭ ھەرىكىتى جىنايەت ھېسابلانماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئاقساراي ئالدىدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۆز نەپرىتىنى بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار. بۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق " دەپ ئۇنى ئاقلىماقتا.ھازىر ۋاڭ خانىم ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوت ۋاقىتلىق توختىتىلىپ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە سۈرۈلگەن. (مېھرىبان)