گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئۆپكە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﺷﺎ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2008 - ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ"ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻰ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﺷﺎ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2008 - ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ"ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻰ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

85 ياشتا ۋاپات بولغان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ بىر قىزى، بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان جىنازا نامىزىدىن كېيىن، جەبەجى ئەسكىرى مازارلىقىغا دەپنە قىلىنماقچى.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن 1925 - يىلى خوتەن شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە كەلگەن. ئۇ، بىر نەۋرە ئاكىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. RFA Photo / Erkin Tarim

مەمەت رىزا بېكىن، 1938 - يىلى ئىستانبۇل مالتەپە ھەربىي ئورتا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەمەت رىزا بېكىن 1944 - يىلىدىن 1948 - يىلىغىچە تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىپىدە ئوقۇغان. گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن 1950 - يىلى كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ، 1949 - يىلى گېرمانىيىدە، 1953 - يىلى ئامېرىكىدا ھەربىي ئاخبارات توپلاش كۇرسىغا قاتناشقان.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن 1954 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى ئاخبارات توپلاش ئىدارىسىدا مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1973 - يىلى گېنېرال بولغان مەمەت رىزا بېكىن تۈرك ئارمىيىسىدە ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ، 1977 - يىلى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن بىر مۇددەت تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن، 1986 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئۇ 1987 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىپ، تۈركىيىدە ئوقۇتۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرغىچە كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 1992 - يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنى قۇرغان. گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن يەنە، سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرىي رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىدى. ئۇ ئۇزۇن يىللار مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدە تۇرۇشلۇق راببىتۇل ئالەمىن ئىسلام تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﺷﺎ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2008 - ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ"ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻰ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎﺷﺎ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2008 - ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ"ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻰ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ. RFA Photo / Erkin Tarim

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن داۋاملىق، "مەن 1977 - يىلى پېنسىيىگە چىققىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن،" دەيتتى.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن تېخى كۆز يۇمۇشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇنغىچە بىزگە تېلېفون قىلىپ ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ھېرىش - چارچاشنى بىلمەستىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇجادىلە قىلغان بىر ھايات.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن !

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن بىلەن 20 يىل بىللە ئىشلىگەن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت