گېرمانىيە پارلامېنت باشلىقى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئىمبارگونى بىكار قىلىش شەرتىنى تەكىتلىگەن
2005.05.05
ۋولفىگاڭ تىرسىي خىتايدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارەت سەپىرىنى 1 - ماي كۈنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ گېرمانىيە پارلامېنت رەئىسىنىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا خۇ جىنتاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. تىرسى، ھازىرغا قەدەر تىبەتنى رەسمى تۈردە زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك چەتئەل رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىكى كومپارتىيە كادىرلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىدىكى پاجىئەلەر بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىرغان.
خىتاي ئۆزىنىڭ تارىخي كەچۈرمۈشلىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك
ۋولفگاڭ تىرسى، كومپارتىيە كادىرلىرىغا سۆزلىگەن " تۈگۈننى تۈگۈننىڭ ئىگىسى يېشىش كېرەك " دېگەن تېمىدىكى نۇتۇقىدا، " ئەگەر خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياراقلار ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، ئۆزىنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك. سىياسى تۈزۈلمە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پۇرسەتپەرەسلىككە خاتىمە بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاقلىشىغا توغرا كېلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
تىرسى ئالدىنقى كۈنى "فرانفورد ئوبزورى" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي زىيارىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېشىللار پارتىيىسى 1998 - يىلدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باش جاۋاپكارى لى پېڭ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى مەزگىلىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىشنى توغرا تاپمىغان. "گېرمانىيە دولقۇنى" رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولفىگاڭ تىرسىنىڭ كۆز قارىشى گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە گېرمانىيىدىكى خەلق رايىنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
قورال ياراق- ئىمبارگو مەسىلىسى
گېرمانىيە پارلامېنتى بۇ يىل 3 - ئايدا باش مىنىستىرى گېرخارد شرۆدىرنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ھەربىي ياراقلار ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. گېرمانىيە پارلامېنت رەئىسى بىلەن خىتاي باشلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كونكېرت ئەھۋالىنى ھەر ئىككىلا تەرەپ ئېلان قىلمىدى. ئەمما گېرمانىيە پارلامېنت رەئىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋولفىگاڭ تىرسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو قاتارلىقلار بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى، سىياسى ئۆكتىچىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى گېرمانىيە پارلامېنت رەئىسى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، مەركىزى ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدىكى باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىد "گېرمانىتيە دولقۇنى" رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، " خىتايدا سىياسى مەھبۇسلارغا جازاسى بېرىش ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ " بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىپلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن "گېرمانىيە دولقۇنى"، "بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن سوتلانماقتا. بۇ جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانى 10 غا يېتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ كونكېرت سانىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى، ئەمما خەلقئارا ئومۇمى كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2004 -يىلدا خىتاي بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار 3000 دىن ئاشقانلىقىنى جاكالىغان.
قورال ياراق ئىمبارگوسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
"فرانفورد ئوبزورى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو ۋولفىگاڭ تىرسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئارىسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياراقلار ئىمبارگوسىنى قاچان بىكار قىلىدىغانلىقىنى سورىغان. ھەربىي ياراقلار ئىمبارگوسى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنت رەئىسىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشىدىكى مەقسىدى ئىدى. ۋۇ باڭگو، ھەربىي ياراقلار ئىمبارگوسىنىڭ "ۋاقتى ئۆتتى،" دەپ كۆرسەتكەن.
ۋولفىگاڭ تىرسىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى، خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتىنى چۆرىدىگەن تالاش تارتىش ئەۋجىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇ، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىكى نۇتۇقىدا كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا، " بىر دۆلەت باشقىلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىتىكى جاۋاپكارلىقىدىن ھېساپ ئېلىش كېرەك،" دەپ جاۋاب بەرگەن.
تىرسىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارە سىگنال بېرىپ، سىياسى تۈزۈلمە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەمەلىي ئۆزگىرىش ياسىشىغا توغرا كېلىدىكەن. ئۇ، "شۇنداق قىلغاندىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ھەربىي ياراقلار ئىمبارگوسى قويۇش سەۋەبى قالمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى تۇردى
- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قەتئى قارشى چىقتى
- ياۋرۇپا بىرلىكى، قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسى سەۋەبىدىن ياۋرۇپانى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلار بويىچە چۈشەنچە ھاسىل قىلدى
- بۇش خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى