"بىرلىك" گېزىتىدە "شەرقىي تۈركىستان"
2006.10.09
گېرمانىيە تۈركلىرىنىڭ 40 بەتلىك ھەجىم بىلەن نەشىردىن چىقىدىغان "بىرلىك" گېزىتىنىڭ 10 – ئايلىق سانىدا، "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن نام بىلەن تولۇق ئىككى بەتلىك بىر ئەسەر ئېلان قىلىندى.
"بىرلىك" گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بۇ ئەسەرنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى "يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۈنسىز قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئىگىسىز مەملىكەت" دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئەسەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلانغان مىلادىنىڭ 751 – يىلىدىن 1216 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىللەردە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قۇرغان بۈيۈك دۆلەتلىرى ۋە ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلانغان. ئەسەردە شەرق ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت سەھنىسىدە چولپان بولۇپ چاقنىغان فارابى، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ ھاس ھاجىپ قاتارلىق ئونلىغان ئىلىم ئادەملىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ يەر كۆلىمى، نوپۇسى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، يەر ئاستى تەبىئى بايلىقلىرىنىڭ تۈرى، مىقدارى، بۇ بايلىقلارنىڭ ھازىرقى قېزىلىش ۋە ئىچكىرى خىتايغا توشۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار تەپسىلى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، خىتاينىڭ 1949 – يىلى بۇ زېمىنغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ئېلىپ بارغان بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىدىكى بايلىق يۆتكەش ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك سىياسىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي زۇلۇملىرى ئىلمىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر ۋەتىنى باي، يەر ئىگىسى خەلق نامرات
مەزكۇر ئەسەردە، خىتايدا مەۋجۇد بولغان 148 خىل ئېلېمېنتنىڭ 118 خىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغانلىقى، ئالتۇن، كۈمۈش، ئوران قاتارلىق قىممەت بايلىقلاردىن باشقا، 300 مىليون توننا نېفىت، 220 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئى گاز، ئىككى ترىليون توننا كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە بولغان ۋە خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خام ئەشيا مەنبەسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ، ئىنتايىن ئېغىر نامراتچىلىق ئىچىدە ياشايدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 82% ئىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر دەھقانلىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 45 – 50 دوللار ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەكتەپلەرگە تۆلەيدىغان پۇلى يوق، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشسىز قالدۇرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات يولىنىڭ كۈنسېرى تارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى پاكىتلار ئاساسىدا شەرھىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توختىماي تەشۋىق قىلىش كېرەك
تۈرك زىيالىسى، ژورنالىست ھايرەتتىن گۈلەكيۈز ئەپەندى، بۇ ئەسەر ھەققىدە توختىلىپ "شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى ئىككى بەت ئەسەر بىلەن يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قان – ياشلىق تارىخى تېخى بۇ دۇنيانىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى چەككىنى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنۈگۈنكى ئازاپلىرىغا ئەمەس، بۈگۈنكى پەرياتلىرىغا قۇلاق سالسىمۇ ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدۇ. باشقا زۇلۇملارنى كۆرمەسكە سېلىپ، كۈنىمىزدە داۋام قىلىۋاتقان دىنىي زۇلۇمنى مىسالغا ئالساق، خىتايلار ئىنساننىڭ ئەڭ تەبىئى ھەققى بولغان دىنىي ئەركىنلىكنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ" دېدى ۋە بۈگۈنكىدەك رامازان ئايلىرىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، توپلىشىپ تاراۋى نامازلىرىنى ئوقۇش ھەم باشقا دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بېسىمگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، بۇنى دېموكراتىك ئەللەر خەلقلىرىگە توختىماي تەشۋىق قىلىش بىلەن، دۇنيا جامائىتىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىشكە تېرىشىش كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان
"شەرقىي تۈركىستان" ناملىق بۇ ئەسەردە يەنە؛ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە خىتاينىڭ 1949 – يىلىدىن ئىلگىرىكى ئومۇمى نوپۇسى 280 مىڭ بولغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە 8 مىليونلۇق ھالغا كەلگەنلىكى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت مىڭ خىتاينىڭ بۇ تۇپراققا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىغا سۈرگۈن قىلىنغان خىتاي مەھبۇسلار سانىنىڭلا 40 مىڭدىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئەسەردە يەنە، 1964 – يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئاتۇم سىنىقى تۈپەيلى 210 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە سانسىز ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل بىنورمال كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا، ھازىرغا قەدەر 29 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، 1991 – يىلىدىن كېيىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان1500 دىن ئارتۇق يېڭىدىن سېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ قانۇنسىز قۇرۇلۇش ئاتىلىپ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق دىنىي كىتاپنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقى، 54 مىڭ دىنىي زاتنىڭ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 2002 – يىلى خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىم 200 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا تەييارلاپ قويغانلىقى شەرھىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مەدەنىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىمۇ داۋام ئېتىۋاتقانلىقى، 2002 – يىلى قەشقەردە كونا كىتاپلارنى كۆيدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى مىسال قىلىنغان.
ئەسەردە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئەھۋالى، دېھقانلار يىلدا مەجبۇرلىنىدىغان 45 كۈنلۈك ھاشار، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ۋە ھەر خىل تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، ئۆلۈم جازاسىنىڭ كەڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق تېمىلارمۇ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ دىققەتنى چېكىدىن بىر تەرىپى شۇكى، نۇرغۇنلىغان سانلىق مەلۇماتلار ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلغان. بۇ ھال ئەسەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار
- خىتايلار گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىدىن نارازى بولدى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى باشلانغان ھامان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا كىرىشكەن
- "گېرمانىيە ئاۋازى" دا: "ئۇيغۇرلار تېررورىست ئەمەس!"
- خىتاينىڭ قۇربانلىقى
- تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن "ساباھ" گېزىتىدە 3 كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى
- ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
- گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان "دوزاخقا قېچىش" ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىندى
- رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا