ميۇنخېن چەتئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن سۆھبەت


2006.11.21

گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى ئەگەر ياۋروپانىڭ سانائەت تەرەققىيات مەركىزى ھېساپلانسا، گېرمانىيىدىكى باۋارىيە شتاتى گېرمانىيىنىڭ سانائەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيىدىكى ئورنى، د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شىتابىنىڭ باۋارىيىنىڭ پايتەختى ميۇنخېنغا جايلاشقانلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىش ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

ميۇنخېن چەت`ئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدىن، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيىدىكى، بولۇپمۇ باۋارىيە شتاتىدىكى ئورنىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە بەلگىلىك مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدا تونۇلغان بىر مەسىلە ھالىغا كېلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ميۇنخېن چەت`ئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ جانلىق ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ قېيىن مەسىلە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل كۆرۈلمەسلىك مەسىلىسى ئىدى. بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئەسقەرجان ئەپەندى جاۋاپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە 75% ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سۆھبەت جەريانىدا ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 50%تىن ئاشقان بولۇپ، باشقا چەت`ئەللىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدىكەن. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سەۋىيىسى ھەتتا گېرمان ئۆسمۈرلىرىنىڭ سەۋىيىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن.

چەت`ئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى يەنە، گېرمانىيىدىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىدىكى سەۋەپ ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.