مۇسۇلمانلار بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى دىن ياكى مەدەنىيەت ئەمەس، بەلكى سىياسەت پەيدا قىلدى


2006.11.13

"فرانسىيە ئاگېنتلىقى"نىڭ ئىستانبۇلدىن 13 ‏- نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان ئىستانبۇلدا، خەلقئارادىكى ئالىملار، سىياسەتشۇناسلار ۋە دىنىي يېتەكچىلەردىن تەشكىللەنگەن مەشھۇر زاتلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغان بۇ يىغىنغا، ئىسپانىيە ۋە تۈركىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن "مەدەنىيەت بىرلەشمىسى" نىڭ ئەزالىرىدىن سابىق ئىران پرېزىدېنتى خاتەمى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەشھۇر پائالىيەتچىسى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دېسموند تۇتۇ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان .

خەلقئارالىق قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلغانلىقتىن مۇسۇلمانلار دىمۇ، غەرب جەمئىيەتلىرىدىمۇ ئوخشاش نارازىلىق پەيدا بولدى

"ب ب س" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارادىكى مەشھۇر ئەربابلاردىن خاتەمى، تۇتۇ قاتارلىق كىشىلەر بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىغان بىر نۇسخا دوكلات ب د ت نىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننانغا تاپشۇرۇلغان. مەزكۇر دوكلاتتا "مۇسۇلمانلار بىلەن غەرب جەمئىيىتى بىر-بىرىدىن تەھدىت ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى مەدەنىيەت ئەمەس، دىنمۇ ئەمەس، بەلكى سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئېنىق مىسالى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى" دەپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە "ھازىر ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرا شەرق تۇقۇنۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشى ئارقىلىق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماقتا"، "خەلقئارالىق قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە ئوخشىمىغان ئۆلچەم قوللىنىلغانلىقى نەتىجىسىدە، ھازىر مۇسۇلمانلار رايونلىرىدىمۇ، غەرب جەمئىيەتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا قاتتىق نارازىلىق كەيپىيات پەيدا بولدى"، "نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بارغانسىرى قوللىغۇچىسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەسىلىلەرنى ھېچقاچان قۇرئان، تەۋرات ياكى ئىنجىل پەيدا قىلغان ئەمەس

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان "مۇسۇلمانلار بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى دىنىي پەرقلەر ئەمەس، بەلكى سىياسەت پەيدا قىلدى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ھەر قانداق چارىسى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك" دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كوفى ئاننان مەشھۇر ئەربابلارنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، "بىز ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەككى، مەسىلىلەرنى ھېچقاچان قۇرئان، تەۋرات ياكى ئىنجىل پەيدا قىلغان ئەمەس"دەپ كۆرسەتكەن. كوفى ئاننان بۇ دوكلاتنى ب د ت نىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى باش كاتىپى بەن كىمۇن ئەپەندىگە يوللاپ بەرگەندە "زوراۋانلىق ھەرىكەتلەردە كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئۆز -ئارا ئىشەنمەسلىك، قورقۇنچ-ئەندىشە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن پارچىلىنىش، غەرب كۈچلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئوتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيە -ئەرەپ توقۇنۇشى ياغ چاچتى"، "ئەگەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدا غۇربەتچىلىكتە، ھاقارەت ئىچىدە كۆچۈرۈۋاتقان تۇرمۇشى داۋام قىلسىلا، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە، ھەتتا ئاپتوبۇسلىرى، تانسىخانىلىرىدىمۇ ئوت ئۇچقۇنى توختىمايدۇ" دېگەن.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ئىراق مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىران ۋە سۈرىيىلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولتون ئەپەندى "ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ئىراق مەسىلىسىدە يېڭى سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى ئېنىق، ئىراق مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەتتا ئىران ۋە سۈرىيىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ" دېگەن. سۈرىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇستافا " ئىراق ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە سۈرىيە كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ، ئەگەر ئىراق خەلقى شۇنداق قىلىشنى خالىسىلا " دېگەن.

غەرب ئەللىرى خاماس ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي جازا قويسا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئۇلار بىلەن ھەرگىز ھەمكارلاشماسلىقى مۇمكىن

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئەرەب بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇسا ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا "ئەگەر غەرب ئەللىرى خاماسنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي جازا قويسا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئۇلار بىلەن ھەرگىز ھەمكارلاشمايدۇ، بۇ قارار ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىرىنىڭ قاھىرەدە ئېچىلغان يېغىنىدا ماقۇللاندى، دېگەن. ئەمما بۇ ئەرەب ئەللىرى غەرب بانكىلىرىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

تۈركىيە ئىسلام بىلەن غەربنىڭ بىللە ياشىيالىشىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجىرىبىخانا بولۇشقا تەييار

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئاھالىسىنىڭ 99% ى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ ئەردوغان بىلەن دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان كاتولىك دۆلىتى بولغان ئىسپانىيىنىڭ باش مىنىستىرى زاۋاتېرو ئەپەندىلەر تىنچلىق ئۈچۈن غەرب جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەر قانداق جەھەتتىن ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەجەپ ئەردۇغان ئەپەندى "تۈركىيە ئىسلام بىلەن غەربنىڭ بىللە ياشىيالىشىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجىرىخانا بولۇشقا تەييار"دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.