خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (2)
2004.11.25
خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ بۇ بەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىشلەپچىقىرىش،خەلق تۇرمۇشى، سۇ ئىنشائاتى، قاتناش ترانسىپورت قاتارلىق ھەر ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور قەدەمدە ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئەمما، غەربنى ئېچىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەئەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېچىلىشى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش تېپىپ ماكانلىشىشىغا يول ئاچقان بولسا، ياسالغان پويىز، تاش يول قۇرۇلۇشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە توشۇلىشىغا قولايلىق يارىتىۋاتقانلىقى، بۇ خىل تەرەققىياتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە پايدىسى بولمايلا قالماي، ئەكسىچە پىلانسىز قالايمىقان ئېلىپ بېرىلغان بوز يەر ئېچىش، كان بايلىقلىرىنى كولاش، نېفىت قېدىرىشقا ئوخشاش قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا ئىكەن.
غەربنى ئېچىش تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئېلىپ كەلدى
غەربنى ئېچىش بورىنى بىلەن بۇ بەش يىل جەريانىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ئۈرۈمچى خەۋەر تور بېتىدە پەقەت ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەر كۈنى كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلارنىڭ سانىنىڭ 30 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.
يەنە ئۇيغۇر رايونى شەھەر ئىقتىساد تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ سېنتەبىردىن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يىلىغا 400 مىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا، بۇ بەش يىلدا شەھەر ھەم ناھىيىلەردىكى ئېشىندا ئەمگەك كۈچى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشسىزلار سانى مۇشۇ نىسبەتتە ماڭسا يېقىن كەلگۈسىدە ئېغىر ئىشسىزلىق كرىزىسى يۈز بېرىدىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان دىگەن قاراشتا بولۇپ، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، خەلقارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مۇنداق دىدى :
غەرپنى ئېچىش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئى مۇھىتىغا ئېغىر زە ربە بەردى
ئۇيغۇر ئېلىنڭ ئېكىئولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشىمۇ، غەربنى ئېچىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن مۇشۇ يىللاردىن بۇيان ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئېلى تەبىئى مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا، پىلانسىز ساياھەتچىلىك، پىلانسىز يەر قېزىش، يەر ئېچىشقا ئوخشاش ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سۈنىي بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ سەۋەب بولىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئېچىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى :
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (1)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (3)
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- "قوش تىللىق بولۇش" تەلىپى ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
- "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قايتىلانماقتا