خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (3)


2004.11.26

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا ماس ھالدا سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا بەش يىل بولدى. بۇ بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر ھەقىقەتەن زور. خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش ئېلىپ كەلگەن بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى تەرەققىيات دەپ تونىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇزغۇنچىلىق، بۇلاڭچىلىق ھەرىكىتى دەپ تونۇماقتا.

ئالدىنقى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا توختالغىنىمىزدەك، غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى، نامراتلىشىشىنى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش پىلانى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىي - مائارىپىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

مەدەنىيەتنى خىتايلاشتۇرۇش

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرىشىچە خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان بولسا، تارىخ ھەم مەدىنىيەت سەنئەت جەھەتتە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ھەمدە تىلىنىڭ ساقلىنىشى ھەم تەرەققىياتىغا تەھدىد ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە بىز بىلەن سۆھبەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە خەلقارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا كۆرسەتكەن زەربىسىنىڭ كۈچلۈك بولىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە يادىكارلىقلىرىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى:

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.