خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى 6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟

0:00 / 0:00
CHINA-XINJIANG-MARKET-15.jpg
2005 ‏- يىلى 30 – مارت كۈنى بىر ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى يېنىدىن ئۆتۈۋاتماقتا. گەرچە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنىڭ كۆپ تەرەققى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن بەھر ئالالماي كەلمەكتە.AFP

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەربنى ئېچىش ئىشخانىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئالتە يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى "غەربنى ئېچىش" ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي تىلغا ئېلىۋاتقان نەتىجىلەر

شىنخۇا تورىنىڭ 25 - ئىيۇل كۈنى بۇنىڭغا دائىر بەرگەن خەۋىرىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسىغا ئايلىنىشى، ئىلى، قەشقەرلەردىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىقلارنى غەربنى ئېچىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا كەلگەن ئەڭ بۈيۈك نەتىجىلەر دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا ماقالىدە يەنە"ئالتە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 260مىليارد 900 مىليون يۈئەنگە يېتىپ 5 يىل ئىچىدە بىر ھەسسە كۆپەيدى، ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، شەھەر، ناھىيە ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 8100 يۈئەندىن توغرا كېلىدۇ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىرىمى بولسا 2400 يۈئەندىن ئاشتى" دېيىلگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى ئالتە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا مۇشۇ يوسۇندا تەشۋىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسەت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەربنى ئېچىشقا دائىر مەلۇم قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇ پەقەت كۆچمەن خىتايلارنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان، ئەكسىچە بولسا ئۇيغۇرلارنى بار بولغان ياشاش شارائىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقان ناتوغرا بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

غەربنى ئېچىش ئەمەس بەلكى، بۇلاپ قېچىش

رادىئومىزغىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇنىڭغا دائىر نۇرغۇن ئىنكاسلار كەلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ھەر قېتىملىق تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان غەربنى ئېچىش سىياسىتىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان غەربنى ئېچىش سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن "غەربنى ئېچىش ئەمەس بەلكى، بۇلاپ قېچىش سىياسىتى " دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتە يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان غەربنى ئېچىش سىياسىتى، مەيلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان سىياسەت بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى خىتايغا يۆتكەش شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلىشنىڭ ھىسابىغا خىتاينى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان سىياسەت دەپ تەرىپلەشمەكتە. (گۈلچېھرە)