نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئېچىش پىلانى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى


2006-10-19
Share
12 – ئۆكتەبىر كۈنى تەكلىماكان چۆللىكىدىكى "تاجوڭ" نېفىتلىكىدە قۇياش كۆتۈرۈلمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 2020 - يىلغا بارغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 100 مىليون توننىغا يەتكۈزمەكچى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، 2005 -يىلى تەنتەنە بىلەن "ئەگەر بۇ پىلان توسالغۇسىز ئەمەلگە ئاشسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو نېفىت، تەبئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ 60 % نى قامدايدىغان رايونغا ئايلىنىشى مۇمكىن" دەپ جاكارلىغان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە تېز سۈرئەت بىلەن ئاچماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى بايلىقىنى بولۇشىغا ئاچماقتا

تارىم نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت ۋە تەبئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆزىلا 2005 - يىلى 6 مىليون توننا خام نېفىت، 10 مىليون توننا يېرىم تاۋلانغان ئىشلەپچىقارغان. تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چىن گاڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بۇ شىركەتنىڭ شۇ جايدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىگە 30 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت ، تەبئىي گاز زاپىسىنى ئېچىش رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، شۇ قاتاردا يەرلىك خەلقنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ پىلاننىڭ كىملەرنى مەنپەئەتدار قىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش بار.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ خىتاي سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيە كىرىمىنىڭ ئاز كەم 30 % نى نېفىت ، تەبئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر ئىگىلىگەن. ئۇ، 16 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "پەرىزىمچە ،نېفىت ،تەبئىي گاز مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى، نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نېفىت ،تەبئىي گازغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ شىنجاڭ مالىيىسىدە ئىگىلەيدىغان سالمىقى كۆپىيىشى مۇمكىن" دەيدۇ.

يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇرغۇن سازلىق ۋە بوز يەرلەر يوقاپ كەتتى. ئىقتىسادى پائالىيەت چوقۇم تەبىئەت ئېكولوگىيىسىگە بوي سۇنۇشى كېرەك. بۇ خۇددى سۇ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش. سۇ ھەددىدىن كۆپ ئىشلىتىلسە، تەڭرى تېغىدىكى كۆللەر قۇرۇپ كېتىدىغان گەپ. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىسادى پائالىيىتى تەبىئەت مۇھىتىنىڭ جىددىي چەكلىمىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نېفىت ، تەبئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

نېفىت ۋە مۇھىت تور بېتىنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نېفىتلىكلەرنى ئېچىش رايون نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى، بۇ، سۇ ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن. دوكلاتتا، بۈگۈر ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۆشكىلىك يېزىسى قانداق قىلىپ تاشلاندۇق جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئاقسۇنىڭ بۈگۈر ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۆشكىلىك تارىم ئويمانلىقىدا 1958 - يىلى تۇنجى قېتىم نېفىت بايقالغان جاي ھېسابلىنىدۇ. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 1987 - يىلى ئۆشكىلىكتىكى نېفىت زاپىسى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەينى يىللاردا شۇ رايوندىكى ئاۋات جايلارنىڭ بىرى بولغان بۇ يېزا، ئەمدى پۈتۈنلەي خاراپلاشقان ۋە تاشلىۋېتىلگەن.

بېيجىڭ داجۈن كۆزىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ داجۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسى ناھايىتى ئېغىر، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوننىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقىنى مۇھىتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق تۈردە ئېچىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئۇ،" تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇرغۇن سازلىق ۋە بوز يەرلەر يوقاپ كەتتى. ئىقتىسادى پائالىيەت چوقۇم تەبىئەت ئېكولوگىيىسىگە بوي سۇنۇشى كېرەك. بۇ خۇددى سۇ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش. سۇ ھەددىدىن كۆپ ئىشلىتىلسە، تەڭرى تېغىدىكى كۆللەر قۇرۇپ كېتىدىغان گەپ. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىسادى پائالىيىتى تەبىئەت مۇھىتىنىڭ جىددىي چەكلىمىسىگە دۇچ كەلمەكتە "دەيدۇ.

بايلىق ئېچىش خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندىكى سالمىقىنى تىز ئاشۇرماقتا

نېفىت ئېچىش ئۈمىدىنى شىنجاڭغا قارىتىش مەبلەغنى يانار تاغ ئۈستىگە سالغانلىقتۇر.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نوپۇس مەسىلىسى رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى زورلاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. خىتاي نوپۇسى 1950 ‏- يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 6 % ئىگىلىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رايون نوپۇسىنىڭ ئاز كەم 80 % ئىنى ئىگىلەيتتى. لېكىن يېقىنقى 50 يىلدا، بولۇپمۇ ئاخىرقى 20 يىل ئىچىدە رايون نوپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا ئۆزگەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نېفىت ئاچقۇچىلار، نېفىت سانائىتى، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى خىزمەت پۇرسىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا جەلپ قىلماقتا. خىتاينىڭ رەسمىي نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ئومۇمى نوپۇسى 21 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سانى 11مىليوننى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا 9 مىليون، دەپ ئېلان قىلىندى. خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رايون نوپۇسىدا ئىگىلىگەن سالمىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ رايون نوپۇسىدىكى ئۈستۈنلىكى تۈگىسە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ چوڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمى ئوبزورچىسى چېن جىنسوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قېزىش مەيلى مىللىي مەنپەئەت ياكى مۇھىت مەسىلىسىدە بولسۇن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، بۇ ئامىللار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چېن جىنجوڭ، "نېفىت ئېچىش ئۈمىدىنى شىنجاڭغا قارىتىش مەبلەغنى يانار تاغ ئۈستىگە سالغانلىقتۇر "دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت