غەرىپ ئەللىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.19
2008.11.19
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﯩﺪﯨﻦ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﺎﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo
مانا بۇ پەيىتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي تەرەپ بىلەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى.
ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان، ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ":ئامېرىكا دورا - دەرمەك، يېمەك - ئىچمەك ئىدارىسىنىڭ خىتايدا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇشى، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قىلىنغان زىيانكەشلىكلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم كۆرسىتىشتىن ئىبارەت "دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە":ئامېرىكا تەرەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قارار شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچەملىرىگە يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئىلگىرى، خىتاينىڭ يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلغان بولۇپ، بولۇپمۇ تەركىپىدە مېلامىن بولغان زەھەرلىك سۈت پاراشوكى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك،خىتاينىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى خىتاينىڭ ئېكسپورت ساھەسىنى ئالاھىدە زىيانغا ئۇچراتقاندىن سىرت، خىتاينىڭ ئابرويىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزدى. بولۇپمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا يېمەك ۋە دورا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىدىكى سەۋەبنىڭ، زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بايقىلىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل خىتايدىن 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مەھسۇلات ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئامېرىكا چوقۇم يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.
شۇڭا ئامېرىكا تەرەپ، چېگرا ئېغىزىدا ئېلىپ بارىدىغان ئاددى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىپ، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان مەيلى يېمەك - ئىچمەك، دورا - دەرمەك ۋە ياكى باشقا تۈرلەردىكى بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ۋە ئۆلچەم جەھەتتىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قەدەممۇ - قەدەم ۋە ئىنچىكە ئېلىپ بېرىش يولىنى تاللاشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك، دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بېيجىڭدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ گۇاڭجۇ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدە تەسىس قىلىنغان، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرىكى تەجرىبە - ساۋاقلارغا ئاساسەن خىتايدا ئامېرىكا تەسىس قىلغان بۇ قارارلارنىڭ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلىشىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىكەن.
بۇ ئارىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن ئىستىمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكى بۇيىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، كېلىشىم بۇيىچە خىتاينىڭ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم خەتەرلىك مەھسۇلاتلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش دوكلادى ھازىرلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا ئىستىمالچىلار كومىتېتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ، مەسىلە بايقالغان مەھسۇلاتلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، مەتبۇئاتلارغا خىتاي بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي مەھسۇلاتلىرىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بۇ يىل 9 - ئايدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە مېلامىن ماددىسى بايقالغان زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، بالىلار ئويۇنچۇقى ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى يەنە، ئىستىمالچىلار مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەھسۇلات ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا شارائىت ھازىرلايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.









