خىتاي دائىرىلىرى غوجانىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى يوقاتماقچى(1)

0:00 / 0:00
ghoja-niyaz-haji-150.jpg
غوجانىياز ھاجى

ئۈرۈمچى شامالباغدا، يەنى ئىتتىپاق يولى بىلەن يەنئەن يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان يول ئۈستىدە، بىر ‏- ئىككى مىڭ كىشىلىك مازار بار. بۇ مازارغا مېيىت كۆمۈش بىر قانچە يىللار ئىلگىرىلا مەنئىي قىلىنغان. ئەمما بۇ يەردىكى مازارلارنى ئۇرۇغ ‏- تۇغقانلىرى ۋە ئۇيان - بۇيان ئۆتكەن ئادەملەر (مۇسۇلمانلار) توختاپ قىرائەتلەر قىلىپ يوقلاپ تۇرىدۇ.

ئۇلۇغ ئەربابلار كۆمۈلگەن مازار

چۈنكى بۇ 1931 - يىلىدىكى قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، 1941 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى غوجىنىياز ھاجى باشلىق، سابىت داموللا، مەسئۇت سابىرى، قۇربان قوداي، شارىپخان تۆرە قاتارلىق ئۇلۇغ ئەربابلار دەپنە قىلىنغان مازاردۇر. گەرچە غوجىنىيازھاجى مازىرى يىللاردىن بېرى رېمونت قىلىنماي، كونىراپ، گۈمبىزىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇلۇغنىڭ قەبرە بېشىدىن كىشى ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، گۈللەر ئۆكسىمەيدۇ.

يېقىندىن بۇيان تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئىتتىپاق يولى مەھەللە كومىتىتى بىرلىكتە بۇ مازارنىڭ -31مارتقىچە كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، مازار ئورنىغا ئورمان بىنا قىلىنىدىغانلىقى، كۆمۈلگەن جەسەتلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنى تېز ئارىدا يۆتكىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويغان.

بىز مەزكۇر ئۇچۇر ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرۈشكە بىۋاستە مەسئۇل بولغان ئورۇن - ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى مەھەللە كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، نۆۋەتتە قەبرە كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ رەسمىي ئىش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە بۇ ئىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقنىڭ قەبلىدە مۇزېيخانا

ghaoja-niyaz-haji.jpg
غوجانىياز ھاجىنىڭ شىنجاڭ رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان قەبرىستانلىقتىكى قەبرىسى.

بىز بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە كۆچۈرۈشكە بولغان ئىنكاسلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە، مازار ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز ئۇلانغان بىر ئۇيغۇر ئايال، غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلۈش ھەققىدىكى خەۋەرنى بىزدىن ئاڭلاۋاتقانلىقى ئۈچۈن چۆچۈپ كەتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرۈش پىلانى يىللاردىن بېرى خەلقنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىم پەقەت قەبرىستانلىققىلا ئۇقتۇرۇش چاپلىغان. شۇنداقلا، قەبرە كۆچۈرۈشكە ناھايىتى ئاز ۋاقىت بېرىلگەن. نۆۋەتتە بۇ قەبرىستانلىقتىكى جەسەت سۆڭەكلىرى ئۈرۈمچىدىكى گۈلباغ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان.

كۈچلۈك ئىنكاسلار

قەبرە كۆچۈرۈش، ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتە ئۆلگۈچىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئۆرپ ئادەتلىرى بويىچە ئالغاندىمۇ ئېغىر ئالىدىغان بىر قىلمىش بولغانلىقتىن، شامالباغ غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرۈش، ئوقتۇرۇشىدىن خەۋەردار بولغان كىشىلەردە نارازىلىقلار پەيدا قىلغاندىن سىرت، بۇ مازار غوجىنىياز ھاجىغا ئوخشاش ئۇلۇغلار دەپنە قىلىنغان جاي بولغانلىقتىن، كىشىلەردە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پىلانىغا قارىتا قارشى ئىنكاسلار پەيدا بولماقتا ئىكەن.

بىز غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى دائىم يوقلاپ تۇرىدىغان زىيالىيلاردىن بىرىنى تېپىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مازارنى كۆچۈرۈش مەقسىتىدىن يىللاردىن بېرى يانمايۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ، مەسئۇت سابىرى، غوجىنىياز ھاجى، سابىت داموللا ۋە باشقا بىر قىسىم تارىخىي كىشىلەرنىڭ ئۇ يەرگە كۆمۈلگەنلىكىنى، بۇ مازارنىڭ ئۇيغۇر قازاق ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بۇ مازارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يەرگە كۆمۈلگەن قەھرىمانلارنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. (گۈلچېھرە)