خىتاي دائىرىلىرى غوجانىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى يوقاتماقچى(2)

0:00 / 0:00
ghojiniyaz-haji-150-olturup.jpg

ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەردىن ئىگە بولىشىمىزغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان، غوجىنىياز ھاجى، سابىت داموللا، مەسئۇت سابىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي قەھرىمانلىرى ياتقان ئۈرۈمچىدىكى كونا قەبرىستانلىقنى يۆتكەش نىيىتىدىن يانماي كەلگەن شۇنداقلا بۇنىڭغا تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئەمما يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز بۇ قەبرىستانلىقنى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە يۆتكەيدىغانلىقى ھەققىدە ئوقتۇرۇش چىقىرىپ ھەركەت باشلىغان.

گەرچە بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غوجىنىياز قەبرىستانلىقىنى يۆتكەشكە قايتا قول تىققانلىقىدىن نەپرەتلەنمەكتە.

تارىخى ئەسلىمە

تارىخىي ئەسلىمىلەردە خاتىرىلىنىشىچە غوجىنىياز ھاجى 1881 - يىلى قۇمۇلدا چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ 1907 - يىلى تۇرپان خەلق قوزغىلىڭى، 1912 - يىلى تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە 1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇمۇل ئىنقىلابىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. 1937 - يىلى غوجىنىياز شىڭ شىسەي تەرىپىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان دەپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ھەمدە 1941 - يىلى مەخپى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ليۇداۋاندىكى دۆڭلۈكلەرگە باشقا جەسەتلەر بىلەن نامسىز قەبرە ئىچىگە كۆمۈلىدۇ.

1947 - يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەت رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەرھۇمنىڭ جەسىتى ليۇداۋاندىن تېپىلىپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، شۇ يىلى يازدا داغدۇغىلىق كاتتا ماتەم مۇراسىملىرى بىلەن كونا قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىپ گۈمبەز قاتۇرۇلىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ قەبرىستانلىقنىڭ نامى غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. مانا شۇندىن باشلاپ غوجىنىياز ھاجى باشلىق مىللىي قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسىگە خەلق گۈللەر يېپىپ زىيارەت قىلىپ كەلمەكتە.

ۋەتەن ئوغلى غوجىنىياز ھاجى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بەدەل تۆلىمەكتە

ghajiniyaz-haji-tash1-200.jpg
قەھرىمان ئوغلان غوجىنىياز ھاجى، مەڭگۈ ياد ئېتىمىز، ئىشلىرىڭىزغا چوقۇم ۋارىئۇسلىق قىلىمىز. 1995 –يىل 4-يانىڭ 5-كۈنى. (غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقتىكى يالدامىلاردىن)

ئۈرۈمچىدىن غوجىنىياز قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چەكسىز ئازابلارغا چۆمگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇ كىشى يۈرەك سۆزلىرىنى پەقەت رادىئو ئارقىلىقلا ئىپادىلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىدىن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، ۋەتەن ئوغلى غوجىنىياز ھاجى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بەدەل تۆلىمەكتە، مەن ئۆزەمدىن بىز نېمە قىلدۇق دەپ سورىغىم كېلىدۇ؟ دەپ غوجىنىياز ھاجى ھەققىدە سۆز باشلىدى:

"غوجىنىيازنىڭ قەبرىسى بىر رەھبەرنىڭ قەبرىسى. ھازىر سەيپىدىن ۋە بۇرھانلارنىڭ قەبرىسىگە ھېچكىم چىقمايدۇ. ئۇلانبايدىكى ئۇ قەبرىستانلىققا بىرەرسى چىقىپ ئەسلەپ بىرنېمە يازغىنىنىمۇ كۆرمىدىم، ئۇ قەبرىلەر توپا بېسىپ تۇرىدۇ. نېمىشقا غوجىنىيازنىڭ يوقىلىپ كېتەي دەپ تۇرغان قەبرىسىنى كىشىلەر 60 نەچچە يىلدىن بېرى يوقلاپ تۇرىدۇ دېگەندە، مېنىڭچە شۇ غوجىنىيازنىڭ روھى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن".

"يېقىنقى يىللاردىن بېرى (قەبرىگە) يېزىلغان خەتلەر 50 – يىللاردا يېزىلغان ‘يوقلاپ كەلدۇق’، ‘ئەسلەيمىز’ دېگەن خەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. ھازىر ‘بىز كۈرەشكە تەييار’، ‘سىزنىڭ يولىڭىز بىلەن مۇستەقىللىق كۈرۈشىنى تاكى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارىمىز’ دەيدىغان ئىرادىلەر يېزىلغان. دېمەك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇ يوقىلىپ كېتىش ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل كۈرەش ئىرادىلىرى ‘تېررورچىلىق’ دەپ باستۇرىۋاتقان ئەھۋالدا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىنى غوجىنىيازنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئارقىلىق ئىپادىلەپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، (خىتاي ھۆكۈمىتى) قەبرىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. غوجىنىياز ھاجىنىڭ قەبرىسىنى كۆچۈرۈش ماھىيەتتە غوجىنىياز ھاجىنىڭ روھىنى كۆچۈرۈش، يوقىتىش ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىش. (خىتايلار) قاتتىق يۇمشاق يوللار بىلەن يۆتكىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما غوجىنىيازنىڭ روھى ئۇنىڭ بىلەن يوقالمايدۇ. ئۇنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بۇ ئىنقىلابىي روھ مېنىڭچە يۈتمەيدۇ.

غوجىنىياز ھاجىنىڭ ھايات تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە ئۇلار مەرھۇمنىڭ جىسمىنىڭ بۇ قېتىم يەنە كۆچۈرۈلىشىدىن ئازابلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەرھۇمنىڭ ئۆز ھاياتىنى مۇشۇ دىيارغا خەلققە ئاتاش بەدىلىگە خەلق تەرىپىدىن ئەزىزلەنسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ھازىرغا قەدەر جىسمى ھەم روھىنىڭ خاتىرجەمسىزلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىكەن.

ئۇنتۇلماس يالداما

قەلبىمدە تاۋلاندى پىغانلىق نىدا، قەبرەڭنىڭ مۇڭلانغان قەددىنى كۆرۈپ، قانداقمۇ چىدايمەن ئوت يۈرەك بوۋا، مەنمۇ بىر پەرزەنتىڭ، بىر نەۋرەڭ تۇرۇپ.

قەبرىنى دائىما زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، گەرچە غوجىنىياز ھاجىنىڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغاندىن بۇيان رېمونت قىلىنماي كەلگەچكە گۈمبەزنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، قەبرىنىڭ ئۆپ-چۆرىسىگىچە زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەرھۇمغا ئاتاپ يازغان بېغىشلىمىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە قەبرىگە يېزىلغان بايانلاردىن خەلقنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەر ئوغلاننى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىنى، ۋەتەن خەلق ئۈچۈن، مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ قان ئاققۇزغان شاھىتلارنىڭ مەڭگۈ ياد ئېتىلىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ قەبرىنىڭ مىللىي غۇرۇر ھەمدە مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ سىموۋىلى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە دەل مانا مۇشۇ سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەبرىستانلىقنى يۆتكىشىگە سەۋەب بولغان.

خىتاينىڭ مەقسىتى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنى بىخۇد ھالەتتە يېتىلدۈرۈپ چىقىش

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غوجىنىياز ھاجى قاتارلىق خەلق قەھرىمانلىرى مىللىي ئازادلىق جەڭچىلىرى ياتقان قەبرىستانلىقنى كۆچۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىياليلىرى شۇنداقلا غوجىنىياز ھاجىغا ئوخشاش مىللىي قەھرىمانلار ياندۇرغان مۇستەبىتلىككە قارشى ئىسيان مەشئىلىنى ئۆچۈرمەي كېلىۋاتقان، مۇستەقىللىق ئىزباسارلىرى بولغان پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەبرە يۆتكىشىنى مىللىي ھەم تارىخىي ئىزلارنى يوقىتىشقا ئوخشاش ياۋۇز مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان، قەبىھ ھەركەت دەپ ئەيىبلىدى:

غوجىنىياز ھاجىنىڭ قەبرىسىنى كۆچۈرۈش ماھىيەتتە غوجىنىياز ھاجىنىڭ روھىنى كۆچۈرۈش، يوقىتىش ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىش. (خىتايلار) قاتتىق يۇمشاق يوللار بىلەن يۆتكىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما غوجىنىيازنىڭ روھى ئۇنىڭ بىلەن يوقالمايدۇ. ئۇنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بۇ ئىنقىلابىي روھ مېنىڭچە يۈتمەيدۇ.

"بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشى، قەبىھ سۈيىقەستىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىشى. بۇ مۇسۇلمانلىق ۋە مىللىي ئەنئەنىمىز خىلاپ بىر ھەرىكەت شۇنداقلا ئىنسان ئۈچۈن گۇناھ بولىدىغان بىر ھادىسە. بىز تېخى بىرقانچە كۈن ئىلگىرىلا دۇنيادا نەچچە ئون مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ قاتىلى بولغان دىكتاتور مىلوسوۋىچنىڭ جەسىدىگىمۇ ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە (جەسىدىنى) ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كۆمگەنلىكىگە پۈتۈن دۇنيا شاھىد بولىۋاتقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، شۇنداق بىر قاتىلنىڭ، شۇنداق بىر دىكتاتورنىڭ جەسىدىگىمۇ ھۆرمەت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر مىللىي رەھبىرى، قەھرىمانى بولغان غوجا نىياز ھاجىنىڭ قەبرىستانلىقىنى يۆتكەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئېغىر بىر جىنايەت، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق ھاقارەت. بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش مۇمكىن ئەمەس، تەخىر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇمۇل ئىنقىلابىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلاب دەپ، غوجانىياز ھاجىنى ۋەتەنپەرۋەرلەر قاتارىدا ساناپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر شەخسنىڭ (قەبرىسىنىڭ) بۈگۈنكى كۈندە ئورمان بەرپا قىلىش باھانىسى بىلەن يۆتكىمەكچى بولغانلىقى، مىللىي ئىزنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، تارىخى شەخسلىرىمىزنىڭ، مىللى ئەربابلىرىمىزنىڭ تىرىكىگە ئەمەس، ئۆلۈپ كەتكەنلىرىگىمۇ قايتا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىدەك ھادىسە. بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان، ۋە جىددى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھادىسە. ئورمان بەرپا قىلىش توغرا كېلىدىغان بولسا، بۇ يەرنى، يەنى زاراتگاھلىقنى باغۇ-بوستان قىلىش مۇمكىن. دېمەك بۇ بىر باھانە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىڭ ئۆزى بىر مىللىي يوقىتىش، خەلقىمىزگە قىلىنغان بىر ھاقارەت. (خىتايلار) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوق ئىلىپ، بۇرھان شەھىدىدەك، سەيپىدىندەك مىللىي مۇناپىق، مىللىي خائىنلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى ناھايىتى ياخشى ياساپ قويۇپ ‘مانا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئۆتكەن قەھرىمانلىرى بۇ، دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانلار’ دەپ، ھەقىقىي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئىزىنى تارىختىن ئۆچۈرۈش، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنى بىخۇد ھالەتتە يېتىلدۈرۈپ چىقىشنىڭ بىر شەرت-شارائىتىنى ھازىرلاۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارىغان ھەر بىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىدە سەگەك بولۇشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى قىلىشى زۆرۈر. بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشى، بۇ مەسىلىگە بولغان نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت دەپ ئويلايمەن". (گۈلچېھرە)