غوجىنىياز ھاجى قەبرە تاشلىرىدىن ئابىدىلەر
2006.03.23
خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي نۆۋەتتە غوجىنىياز ھاجى، سابىت داموللا، مەسئۇت سابىرى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى دەپنە قىلىنغان، ئۇلۇغ مازار - ئۈرۈمچى شامالباغ غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى كۆكەرتىش باھانىسىدا كۆچۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئىشقا ئاشسا، ئەسلى تارىخىي يادىكارلىق ئورنىدا قوغدىلىدىغان بۇ مازار ۋەيران قىلىنغاندىن باشقا، غوجىنىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن قان تۆككەن ئەزىمەتلەر، مىللىي قەھرىمانلارنىڭ گۈمبەز ھەم قەبرە تاشلىرىغا ئويۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا، ئارزۇلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قول يازمىلارمۇ يوق قىلىنىدۇ.
بۇ ئابىدىلەر يىقىلىش ئالدىدا، غوجىنىياز ھاجى قەبرىسىگە زىيارەت قىلغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان قول يازمىلار يوقىلىش ئالدىدا، ئىگە بولغان ماتىرىياللىرىمىز ئاساسىدا، بىز ئىخلاسمەنلىرىمىزگە قەبرىگە تۈرلۈك قەلەملەر بىلەن يېزىلغان پۈتۈكلەرنى تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق.
تاشتا قالدۇرۇلغان ئابىدىلەر
يۇرت ئوغلى غوجىنىياز ھاجى مەقبەرىسى، 1947 - يىلى ئۈرۈمچى كونا قەبرىستانلىقىغا ھەشەمەتلىك قىلىپ قاتۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مىللىي قەھرىماننى زىيارەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كەلگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۇزاق- ئۇزاق دۇئالار قىلىپ قايتىدۇ، بەزىلىرى قەبرە ئىچىدىكى گەج بىلەن سۇۋالغان تام يۈزىگە ھەر خىل قەلەملەردە، قەلەم تاپالمىغانلىرى ھەتتا پىچاق، سىم، ياغاچ - تاشلار بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەر ئەربابقا بولغان ھۆرمەت سۆزلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان.
1960 - يىللاردا گەرچە گۈمبەزنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا تۆت بۇلۇڭدا ساق قالغان ئورۇنلارغا ئۈستى- ئۈستىلەپ بېغىشلىما ھەم ئىرادىلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ كەلگەن.
ئىگە بولغان چەكلىك ماتىرىياللىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق ئوقۇغىلى بولىدىغان پۈتۈكلەر ئەللىك نەچچە پارچىغا يېتىدىكەن. غوجىنىياز ھاجىنىڭ قەبرىسىگە يېزىلغان بۇ پۈتۈكلەرنىڭ ۋاقتى ھەم مەزمۇنلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرى خاراكتېرلىك روھى ئۆزگىرىشلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
50 - 60 - يىللار
50 - ھەم 60 - يىللاردا زىيارەت قىلغۇچىلار ئاساسەن مەرھۇمنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇنداق سۆزلەرنى قالدۇرغان:
بىسمىللاھىر رەھمانى رەھىم، بىزلەركى كۇچادىن كەلگەن تۇماقچى ئىمىن ئاخۇن، خېلىل ئاخۇن، ئابدۇشۈكۈر ئاخۇنلار، غوجىنىياز ھاجىمنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ قايتتۇق. 1950 – يىلى 10 - ئاينىڭ 20 سى
سىدىق بەكرى، ئەرشىدىن ھاپىزلار كېلىپ ئىنقىلابىي ئۇستازنى، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئوغلانىنى ئەسلەپ قەبرىگاھىڭىزنى زىيارەت قىلدۇق. 1953 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمان غوجىنىياز ھاجىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئالتايدىن ھاجى. 1954 - يىلى 10 - ئاي.
شەرقىي تۈركىستان مەڭگۈ ھايات! غوجىنىياز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات! 1958 - يىلى -5 - ئاينىڭ 29 – كۈنى. ئابدۇللا
80 – 90 - يىللار
ئەمدى 1980 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ قايتا ئويغانغانلىقىنى ھەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئىپادە قىلىدىغان مۇنداق خىتابلار يېزىلغان:
مەرھۇم غوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىشلىرىغا مەڭگۈ ۋارسلىق قىلىمىز! ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز. شەمشىنۇر، زۆھرە. 1987 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 – كۈنى.
تۈرك ئوغلى قوجامنىياز مەرھۇمنى كورىپ قايتتۇق. جۇمان، ساپارقان. 1988 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 – كۈنى.
تەڭرىتاغ ئويغىنىپ ئەتراپقا باقتى، تارىم تولغىنىپ دولقۇنلاپ ئاقتى. يىللار كۈرەش دەۋرىنى تاپتى، ئارسلانلار نىجاتلىق ئۇرىغىن چاچتى. 1990 - يىلى. (نامسىز)
بۇ قەبرىنى بەك كېچىكىپ كۆرگىنىمدىن ئۆكۈندۈم، سىزگە شان- شەرەپلەر مەنسۈپ بولسۇن! 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 – كۈنى. رەشىدە
ئۇرۇقلار بىخلىنىپ يارغاندا تۇپراق، ئارقىدىن ئويغىنىپ چىقىدۇ ياپراق. ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرۈپ كۆرەڭلەپ كەتمە، قۇدرىتى ئۇنىڭدىن ئوت بولۇپ يانماق. 1992 - يىلى 4 – ئاينىڭ 11- كۈنى. غېنى مۇھەممەد
سىزنىڭ ئوقىڭىز چالا تېگىپ قالدى، بىزنىڭ ئوقىمىز چوقۇم دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە تېگىدۇ. 1997 - يىلى 10 – ئاي. غېنى.
بىز ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق بولۇپ قالدۇق، كۈرەش قىلايلى! 1996 – يىلى 8 – ئاي. ھەسەن
قەلبىمدە تاۋلاندى پىغانلىق نىدا، قەبرەڭنىڭ مۇڭلانغان قەددىنى كۆرۈپ. قانداقمۇ چىدايمەن ئوت يۈرەك بوۋا، مەنمۇ بىر پەرزەنتىڭ، بىر نەۋرەڭ تۇرۇپ. 1994 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 – كۈنى. قۇمۇلدىن نۇرئابدۇللا، ئەلى، رۇستەم
21 – ئەسىر
مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق ئارزۇسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ كەلدى. ئەمما غوجىنىياز ھاجى قەبرىسىگە يېقىنقى يىللاردا يېزىلغان بايانلارغا قارىغاندا، ئەكسىچە ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلىرى شۇنداقلا ياشلارنىڭ مىللىي روھى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچىسى ھەم ئىرادىسىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس، دەپ بىلدۈردى.
غوجىنىياز بوۋا سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز، بىزمۇ سىزدەك بولۇشنى ئويلايمىز. خاتىرجەم يېتىڭ، بىز چوقۇم ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرىمىز! 2000 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 – كۈنى
نېمىشقا بۇنداق بىزنىڭ ھالىمىز؟ چىقماسمۇ غوجىنىيازدەك، قەھرىمانىمىز؟ 2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 – كۈنى. ئابدۇللا
قەبرەڭنى ئاخىر تاپتۇق، قىساس ئىرادىنى كۈچەيتىدۇ! 2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
مەن چوڭ بولغاندا قەبرىڭىزنى چوقۇم ئوڭشايمەن! غۇلجا: ۋەلى. 2001 - يىلى 7 - ئاي
كۈرەشچان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىز، ئەزەلدىن جەڭگىۋار ئاتا- بوۋىمىز. بۈگۈنكى" بەخت" بىز ئۈچۈن نېمە؟ كەلگۈسى بەختكە تەييار جېنىمىز. ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرى. 2002 - يىلى 6 - ئاي
ئۇيغۇر ئوغلانى قەھرىمان بوۋا، ئەسلەپ كەلدىممەن قەبرەڭ بېشىغا. سۆزۈمنى قىلالماي يۈرەكلىك توۋۋا، ياشلىرىم تۆكۈلدى قەبرەڭ تېشىغا. ئاتۇش: رەنا. 2003 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
ئەي ئۇيغۇر سەنمۇ بىر ئادەمدەك ياشا، ھەرگىزمۇ خار بولما خىتاي قولىدا. قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن، جان بەرسەك ئەرزىيدۇ كۈرەش يولىدا. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى: 2005 – يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى
غوجىنىياز بوۋا، قەبرەڭ بۇزۇلسىمۇ، سېنىڭ ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىڭ ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا ياشايدۇ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى. 2005 - يىلى 8 - ئاي.
ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەن، مانا سىز بۇ مىنۇتلاردا ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن قان تۆككەن بىر مىللىي قەھرىماننىڭ قەبرىسىگە يېزىلغان سۆزلەرنى ئاڭلىماقتىسىز، گەرچە بۇ سۆز - ئىبارىلەر پات ئارىدا غوجىنىياز قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرىلىشى بىلەن تەڭ يوق قىلىنسىمۇ، ئەمما غوجىنىياز ھاجى قاتارلىق مىللىي قەھرىمانلارنىڭ بۈيۈك ئوبرازى ھەم روھى خەلقىنىڭ قەلبىدە بۇزۇلماس ئابىدە سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى غوجانىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى يوقاتماقچى(2)
- خىتاي دائىرىلىرى غوجانىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى يوقاتماقچى(1)
- ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرۇق قول كەلگەن بىر خىتاي ئايال ئون يىلدا 100 مو يەرگە ئىگە بولغان
- ئاتۇشتا ئۇيغۇرلار يەر-ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا
- قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا
- ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان