غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلماقتا


2006.03.24
ghojiniyaz-qebre-elan-200.jpg

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش ئىشخانىسى تەرىپىدىن، ئۈرۈمچى شامالباغ غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىغا چاپلاپ قويۇلغان بىر ئۇقتۇرۇش قولىمىزغا تەگدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق يېزىلغان:

قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش توغرىسىدا ئېلان

"ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ باغۋارانلاشقان شەھەر بەرپا قىلىش بويىچە يولغا قويۇش لايىھىسى"دىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، تيانشان رايونىنىڭ باغۋارانلاشقان رايون بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر رايونىنىڭ مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، تيانشان رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىتتىپاق يولى شياڭياڭ داۋىنىدىكى كونا قەبرىستانلىقنى كۆكەرتىپ ئۆزگەرتىدۇ. "ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى" دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەزكۇر قەبرىستانلىقتىكى قەبرە ئىگىلىرىنىڭ 2006 - يىلى - 3ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن تيانشان رايونلۇق قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش ئىشخانىسىغا كېلىپ يۆتكەش- دەپنە قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنى سورايمىز. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ يۆتكەش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەنلىرى ئىگىسىز قەبرە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى 2006 - يىلى 3 – ئاينىڭ 1- كۈنى

مانا بۇ ئاددىيغىنا ئوقتۇرۇش، غوجىنىياز، سابىت داموللا، مەسئۇت سابىرى، قۇربان قوداي قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى ياتقان، مىللىي غورۇرى ھەمدە مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىنى كۆكەرتىش باھانىسىدا كۆچۈرىلىدىغانلىقىغا دائىر جىددىي چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتۇر.

ئۆرۈپ ئادەتكە ھاقارەت

ghojiniyaz-gumbez.jpg
غوجىنىياز ھاجى قەبرىگاھى. (شەخسىي رەسىم)

ئۈرۈمچىدىكى ئاممىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا قەبرە كۆچۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ئۆرپ ئادەتلىرىدە ئېغىر ئالىدىغان گۇناھ ھېسابلىنىدىغان، مېيىتكە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، ئىنسانپەرۋەرسىزلىك ھېسابلىنىدىغان بىر ھەرىكەت. ھەممىدىن مۇھىمى بۇ مازاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى ھەمدە داھىيسى بولغان غوجىنىياز ھاجى مەقبەرىسى قويۇلغان ئۇلۇغ مازار بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار گەرچە ئاشكارا ئىپادىلىيەلمىسىمۇ قاتتىق نارازى بولۇۋاتقان ئىكەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئاممىنىڭ پىكرىگە پىسەنت قىلماستىن، قەبرە كۆچۈرۈشكە ناھايىتى ئاز ۋاقىت بېرىش بىلەن بىرگە قەبرە ئىگىلىرىنىڭ پىكرىنى ئالماستىن تۇرۇپ پىلانىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بولسا "غوجىنىياز قەبرىستانلىقىنى ئوڭشاشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ كۆچۈرۈش "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋۇز سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىشى، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قان تۆككەن بۇ شېھىتلەرنى قايتا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىق" دېگەندەك قاتتىق قارشىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئەسلى كونا قەبرىستانلىق ئاتالغان غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقى 1940 - يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن. 1947 ‏- يىلى بۇ قەبرىستانلىققا غوجىنىياز ھاجى قاتارلىق مىللىي قەھرىمانلارنىڭ مەقبەرىسى قويۇلغاندىن ئېتىبارەن غوجىنىيازھاجى قەبرىستانلىقى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ھەمدە بارغانچە كېڭەيگەن. شۇنداقلا بۇ قەبرىستانلىققا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغان مۇھىم ھەم ئاتاقلىق ئەربابلار دەپنە قىلىنغان.

مازارنىڭ كۆچۈرۈلۈشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر بولغانلىقىدىن

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەزكۇر قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈشكە تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن، بىراق بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە كىشىلەرنىڭ قارشىلىقى سەۋەبلىك پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئاممىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غوجىنىيازھاجى قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرۈشكە قانداق ئىنكاسلاردا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزلۇق پېشقەدەم زىيالىيلىرىدىن، ئالىم، تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ھاجىغا تېلېفون قىلدۇق.

ياشانغان بۇ مويسىپىت ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىنمۇ بىر قانچە كىشىنىڭ ھەمدە سەپداشلىرىنىڭ غوجىنىياز قەبرىستانلىقىدا ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ قەبرە كۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەمسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن يەنە، غوجىنىياز ھاجى مەقبەرىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ھەققىدە پىكىرلەشتۇق، بۇ كىشى غوجىنىيازغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرىنىڭ، ئەزىزلەنمەك تۈگۈل، مۇشۇنداق ئاسانلا كۆچۈرۈلۈشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر بولغانلىقىدىن" دەپ ئۇھسىندى.

كەڭ ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرى كىشىلەرگە تەبئىي ھالدا قەبرە گۈمبىزىدىكى يادنامىلارنى ئەسلىتىدۇ :

قەلبىمدە تاۋلاندى پىغانلىق نىدا، قەبرەڭنىڭ مۇڭلانغان قەددىنى كۆرۈپ. قانداقمۇ چىدايمەن ئوت يۈرەك بوۋا، مەنمۇ بىر پەرزەنتىڭ، بىر نەۋرەڭ تۇرۇپ.

(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.