غۇلجا ئۈچئون ۋەقەسىنىڭ 12 يىللىقى

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ دۇمبالاش ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر ۋەقە، 1998 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يەنى شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش كۈندە غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچئون يېزىسىدىمۇ يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.06.18
Ghulja-namayishi-toghrisida-kitap-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 1997 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئەمما، ئۇ قېتىمقى توقۇنۇش خىتاينىڭ 8660 - قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە مۇنتىزم قىسىمى بىلەن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن. بۇ ھەقتە ۋەقەدىن خەۋەردار بىر رادىئو ئاڭلىغۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

شاۋگۈەن ۋەقەسىدە خىتايلار تەرىپىدىن 2 ئۇيغۇر ئىشچى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، 100 لەرچە ئىشچى قاتتىق ئۇرۇپ دۇمبالانغان بولسا، دەل بۇندىن 12 يىل بۇرۇنقى ئوخشاش كۈندە تۇرسۇن سەلەي قاتارلىق قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق بىر قانچە ياش خىتاينىڭ غۇلجا شەھىرىدىن چىققان 8660 - قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچئون يېزىسىدا سەھەر سائەت 4 تىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 گىچە ئېتىشقان، شۇ كۈنى ئەركىنلىك جەڭچىسى تۇرسۇن سەلەي شېھىت بولغان.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇلار ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئېتىشىشتا خىتاينىڭ لۇڭ فېي ۋە نۇرلان قاتارلىق بىر قانچە ئەسكىرى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇندىن 12 يىل بۇرۇن يەنى شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئوخشاش كۈن 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدە خىتاي ئەسكەرلىرى ئەركىنلىك جەڭچىسى تۇرسۇن سەلەينى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۈچئون يېزىسىدىكى بىر دېھقاننى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى مەلۇم.

ئۈچئون يېزىسىدا يۈز بەرگەن شۇ كۈنكى قانلىق توقۇنۇشتا، ئەركىنلىك جەڭچىسى خەمىت مەمەت، ئىلياس زوردۇن ۋە مەقبەر قاسىم قاتارلىق 3 كىشى قورشاۋنى بۇزۇپ چىققاندىن كېيىن ، غۇلجا خەلقىنىڭ 2 ئايدىن ئارتۇق ئۆز قوينىغا ئېلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆيمۇ - ئۆي قىدىرىپ تەكشۈرۈشلىرىدىن ئامان - ئېسەن ھالدا شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قازاقىستاننىڭ غالجات رايونىغا ساق - سالامەت قېچىپ كەلگەن. ئەمما، قازاق دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشى بىلەن بىلەن، 1999 - يىلى خەمىت قاسىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، خەمىت مەمەتنىڭ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئەمما ھۆكۈمنىڭ تېخى ئىجرا قىلىنمىغانلىقى مەلۇم.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش كۈندە يۈز بەرگەن 26 - ئىيۇن ئۈچئون ۋەقەسىنى غۇلجا خەلقى خۇددى تۈركلەرنىڭ چاناق قەلئە قەھرىمانلىق داستانلىرىدەك ئېتىبارلاپ ھەر يىلى يوشۇرۇن خاتىرىلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

كۆپىنچە مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەر تېررورچى دەپ قارىغان كىشىلەرنى ئۆز خەلقى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتلىرى دەپ قارىماقتا. مەسىلەن، رابىيە قادىر ۋە ھاشىم تاج. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن 12 يىل بۇرۇن، بۇلتۇرقى شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە يۈز بەرگەن ئۈچئون ۋەقەسىدە شېھىت بولغان تۇرسۇن سەلەي ۋە 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان خەمىت مەمەتلەرنى تېررورچى دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۇلارغا بەرگەن باھاسى باشقىچە.

غۇلجىدىكى 8660 - قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە قوراللىق قىسىم خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىدىن كېيىن لەنجۇ ھەربىي رايونىدىن ئالاھىدە يۆتكەپ كەلگەن قىسىم بولۇپ، مەملىكەت دەرىجىلىك ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرگە ئىگە.

26 - ئىيۇن ئۈچئون ۋەقەسىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ سەھەر سائەت 4 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەرگىچە بۇ مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن ئالاھىدە قىسىم بىلەن قاتتىق ئېتىشىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋال غۇلجا خەلقى ئارىسىدا رىۋايەت تۈسىنى ئېلىپ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.