
بۈگۈن 5 - فېۋرال كۈنى، مەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە، غۇلجا ياشلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئېتىش ۋە ھازىرغا قەدەر تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، قېيىن - قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان نامايىش ئەھلىنىڭ دات - پەرياتلىرىنى سىلەرگە ئاڭلىتىۋاتىمەن.
گەرچە ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ كۈندە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىزچىل بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ يىل ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش ۋە باشقا ئوخشىمىغان شەكىللەردە غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى نى داۋاملاشتۇردى.
مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، نامايىشقا باش بولۇپ قاتنىشىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم نامايىشچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىياتتا شۇئار توۋلاپ، نامايىش ئەھلىنىڭ جاسارىتىگە - جاسارەت، كۈچىگە - كۈچ قوشۇۋاتىدۇ. مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۇ مىنۇتلاردا قەلبىدە ئۇرغۇۋاتقان ئوي - پىكىرلىرىنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشدىم.
نامايىشقا ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ سۆز قىلدى. نامايىشقا يەنە، فالۇنگگۇڭ مۇرىتلىرى بىلەن خىتاي دېموكراتلىرىمۇ قاتناشتى.
نامايىش ئەھلى قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە "ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توختىلسۇن"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، " ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ئەركىنلىككە چىقسۇن"، "ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە" دەپ يېزىلغان چوڭ خەتلىك لوزۇنكىلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، جاراڭلىق شۇئار توۋلاشماقتا.
ئەلچىخانا ئالدىدىكى چوڭ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئامېركىلىقلارغا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تەكىتلەنگەن تەشۋىق ۋەرەقىلىرى تارقىتىلدى. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان ئامېرىكىلىقلار، نامايىشچىلارنىڭ شۇئارلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى لوزۇنكىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، نامايىشچىلارغا ئالاھىدە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشتى. بۇ قېتىملىق نامايىش 2 سائەت داۋام قىلدى. (ئەقىدە)