گېرمانىيىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2005.02.04
1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارنى ئېلىپ باردى.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارمىقىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەرنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھاد مۇھەممىدىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادادا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكىدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى "مۇشتۇمزور ساقچىلار" نىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىكى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى
- كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى
- گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى