گېرمانىيىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارنى ئېلىپ باردى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارمىقىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەرنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھاد مۇھەممىدىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.