دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2006.02.03
"5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە شۇ ۋەقەدە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
©
2006 Radio Free Asia