بىر ئاتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى(3)


2007.02.02

بۇندىن 10 يىل بۇرۇن يەنى 1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى غۇلجا شەھرىدە غۇلجا ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە بولىۋاتقان ھەق - ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۋېلىش ۋە تەلەپ قىلىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ياشلارنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ھەققانى ھەرىكتىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت، دەپ بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان غۇلجا ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىقى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئىلى ۋىلايىتى دائىرىسدە چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان. غۇلجا شەھىرىگە يېقىن قورغاس ناھىيىسىدىمۇ نەچچە يۈزلىگەن ياشلارنى تۇتقىن قىلىپ، ئەينى چاغدا پۈتۈن قورغاس ناھىيىسىنى ماتەمگە چۆمدۈرگەن 37 - بالىغا مەخپى سوت ھۆكۈمى ئىلان قىلىپ، 7 سىگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك ۋەھشىلىكنى سادىر قىلغان ئىدى.

بۇلار غۇلجا ۋەقەسىدىن كىيىن تۇتقۇن قىلىنغان ياشلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇلارغا 1999 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سوت ھۆكۈمى ئىلان قىلىپ، ئابدۇشۇكۇر نۇرۇللام، ھەسەنجان مۇساجان، نۇرمەمەت ئىسمائىل، ئابلىمىت مەمەت، ئابلىز ئوسمان قاتارلىق يەتتە بالىغا ئۆلۈم جازاسى بىرىپ، شۇ كۈنى ناھەق ھالدا مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلىغان. پەرھاد موللاخۇن، ھەسەنجان مەمەتلەر مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نەبى مەمەت، ئەركىن ئەمەت، مەمەتجان ئابدۇرېھملار 20 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى 20 يىلىقتىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن 7 شىھدنىڭ مېيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرى ھالدا قورغاس ناھىيىسى قوش ئېرىق كەنتىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى يانبۇلاق يولىنىڭ بويىغا كۆمۈۋېتىلگەن ۋە شىھىدلەر كۆمۈۋېتىلگەن بۇ جاينى خەلقىنىڭ يوقلىشى قاتتىق مەنى قىلىنغان. بۇگۈنكى كۈندە بۇ قەبرىلەر كىچىككىنە توپا دۆۋىسى ھالىتىدە ئالدىقى قۇردا تۆت كىشى، كېيىنكى قۇردا ئۈچ كىشى نام - نىشانسىز غېرىبسىنىپ ياتماقتا. ئەمما ئۇلارنىڭ روھى، ئىزگۈ ئارمانلىرى ئەل قەلىبىگە ئورناپ كەتكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى يوقلاشنى مەنى قىلغان بولسىمۇ ئەل قەلبىنىڭ سېغىنىشىنى ئەسلىشىنى تۇسۇپ قالالمىغان ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا ئۇقۇپ، ئۇلارنىڭ ئارمانلىرى ئۈچۈن كۆرەشمەكتە.

ئەل سۆيگەن، ئەل ئىشقىدا يانغان مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۆسەن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا بۇ شېھىتلەرنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى ھەققىدە بىر ئاتىنىڭ قول يازمىسىنى ئاۋازغا ئالغان ئىدى. بۈگۈن بىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇربان قىلىنغان 7 شېھىتنى ۋە كۆرەش كۆسەننى ئەسلەش ئۈچۈن بۇنى سىلەرنىڭ ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.