غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيىدە داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2007.02.03

norwegiye-namayish-200.jpg
نورۋېگىيىدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەر قايسى ئەللەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش شىتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، 3 – فېۋرال كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە "5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئوسلو شەھرىدە خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىش ۋە كوچا يۈرۈشى ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانىيىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى يۇرتلاردىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقاندىن سىرت، گېرمان تەشكىلاتلىرى، تۈرك ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش چاقىرىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە "5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىنن ئوسلو شەھرىدە خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىش ۋە كوچا يۈرۈشى ئېلىپ باردى.

نامايىشچىلار دەسلەپ، ئوسلو شەھەر مەركىزىدىكى پادىشا سارىيىغا تۇتىشىدىغان مەركىزى كوچىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكا، پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تىزىلىپ يولغا چىقتى، نامايىشچىلار يول بويى نورۋېگ ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا "خىتاي دىكتاتور!" " خىتاي تەررورىست!" دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.

بۈگۈن بۇ كوچىدا ئادەملەر ئىنتايىن كوپ بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ داغدۇغىلىق كۆرۈنىشى ، شۇنىڭدەك لوزۇنكا ۋە پلاكاتلارغا يېزىلغان سۆزلەر، كوچىدا كېتىۋاتقان نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. نامايىش قوشۇنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كېتىۋاتقان مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر تەرەپتىن قىززىقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋارىقىنى يول بويى تارقىتىپ ماڭدى.

نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ، ئەتراپقا يىغىلغان كىشىلەرگە ئاۋاز كۇچەيتكۈچى كاناي بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللى زۇلۇم سىياسىتى، " 5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ جەريانىنى نورۋېگ تىلىدا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىكى كوچا يۈرۈشى ۋە تەشۋىقات پائالىيىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىشنى داۋام قىلدى. ئۇلار جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: "ياشىسۇن غۇلجا شېدىتلىرى !" "ۋەتەن قەھرىمانلىرى ئۆلمەيدۇ!" "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، " سىياسى مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك"، " دىنىي ئەركىنلىكىمىز قايتۇرۇپ بېرىلسۇن"، " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى توختات"، " خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقالسۇن"، " خىتايلار تەررورىست"، دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ ئەتراپنى لەرزىگە سالدى.

بۇگۈنكى بۇ نامايىش چۈش سائەت 12 دىن ئۈچكىچە ئۇچ سائەت داۋام قىلدى، نامايىشقا ئوسلو شەھىرى ۋە نورۋېگىيىنىڭ باشقا جايلاردىن كەلگەن 60 كە يېقىن ئۇيغۇرلار ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.