غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىك ھەمدە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى


2007.02.07

ghulja-weqesi-amerika-10.jpg
غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 5 – فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش.

بۇ يىل غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم خەلقئارا جامائەتچىلىكى ھەمدە خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىنىڭ باش بېتىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەيلى" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە فرانسۇزچە تىللاردا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىسىدە رابىيە قادىر خانىم 1997‏- يىلى 7‏- فېۋرال كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنى نەق مەيداندا ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجىنى زىيارەت قىلغىنىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە تىنچلىق بىلەن نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانداق باستۇرغانلىقىنى ئۆز تور بېتىدە ھەرقايسى تىللاردا شەرھىلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 يىل بۇرۇن غۇلجىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەمدە غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياستىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

بۇ يىل غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى غەرب مەتبۇئاتىدە تۇنجى قېتىم ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەربدىكى چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ھەمدە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ھەققىدە خەۋەر بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى 6‏- فىۋرال كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىدا" چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى" سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ماقالىسىنى شۇ كۈنىدىكى تور بېتىگە قويدى. ماقالىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار، بىزگە كىشىلىك ھوقۇق كېرەك، بىزگە ھەقىقەت كېرەك دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشت، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىنىڭ 10 يىل ئاۋۋال غۇلجىدا ھەققانىيەت ئۈچۈن تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، 11‏- سېنتەبىردىن كېيىن بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل باستۇرۇشلارنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتسادىي جەھەتتىن بۇلاڭ-تالاڭغا، مەدەنىيەت جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەلجەزىرە تېلېۋزىيىسى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ھەمدە ئىسلام ئۇچۇر توربېتى قاتارلىق تور بەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى 6‏- فېۋرال كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان "شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىق خاتىرىلەندى" سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر 10 يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى 1989‏- يىلى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، دېگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە يۈزلىگەن كىشىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا دەپ تەكىتلىگەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ت كۇمار ئەپەندىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى نامايىشتا قىلغان سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.