مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىنىڭ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىكى پاجىئەسى (3)


2008.02.12

1997-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي ھەق -ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشى شۇ كۈندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ، ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، غۇلجا خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دەرت-ئەلەملىك ۋە ئاچچىق ترادىگىيىسى ۋە سەرسان-سەرگەردانلىقلىرى ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە.

بۈگۈن بىز مەزكۇر چاتما خەۋەرنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا بۇ ئائىلىدىكى ئوتتۇرانچى ئوغۇل بولغان ھازىر نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان تەلئەت ھاجىنىڭ ئاخىرىقى بايانلىرىغا قۇلاق سالدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە 2-ئاكىسى ناھەق قارىلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بەختلىك ئائىلىسى بۇزۇلغان .

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ ،ساقچىلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھەر دائىم تەھدىت ئىشلىتىپ ئۇنىڭ باشقا شەھەردىكى تۇرۇۋاتقان جايىنى ۋە قايسى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تىرىشقان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي تاكى ئۈرۈمچىگىچە قوغلاپ بېرىپ ئۇنى زادىلا تىنچ قويمىغان ،ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە قايتىشقا قىستىغان ۋە بۇ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن ، ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايوندىكى ساقچىلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.