فرانسىيىدە 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى


2007.02.02

namayish-fransiye.jpg
بىر نامايىشچى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر ئەلىنىڭ غۇلجا شەھرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللى زۇلۇم سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلغان، كۆپچىلىكى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان، قولىدا تۆمۇرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر، خىتاي زوراۋان ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان "5-فەۋرال غۇلجا قىرقىنچىلىقى" ۋەقەسى سادىر بولغان ئىدى.

بۇ يىل بۇ قانلىق ۋەقەگە توپ توغرا 10 بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە "5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ھەر خىل شەكىلدىكى خاتىرلەش پائالىيىتى ۋە خىتايغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەش ھەققىدە بىر تۇتاش چاقىرىش چىقارغان ئىدى.

بۈگۈن 2-فەۋرال، جۈمە فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار، سانىنىڭ ئاز بولىشىغا قارىماستىن، پارىژدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خاتىرلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، "5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردە كېيىنكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئەپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

بۇگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ۋە باشقۇرغۇسى بولغان ئەركىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرلۇش مەقسىتىنى بايان قىلدى.

فرانسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقتىن، بۇگۈنكى بۇ خاتىرلەش پائالىيىتى ئادەتتىكى خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازلىق نامايىشلىرىدىن پەرقلىق بىر شەكىلدە، يەنى ئاساسلىقى نۇتۇق سۆزلەش ۋە مۇخبىرلارغا ئاخبارات بېرىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى بولۇپ ئەركىن ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، پائالىيەت قاتناشچىلىرى ۋە بۇ يەرگە يىقىلغان فرانسىيىلىكلەرگە " 5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، جەريانى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق باستۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئەركىن ئەپەندى ئۆز سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش" نىقابى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان خىتاي دائىرلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا بۇ يىل يەنە نامزات بولۇپ كۆرسىتىلىشى ۋە ئاخىردا بۇ ئالەمشۇمۇل مۇكاپاتقا راستىنلا سازاۋەر بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمنى قارىلاش مەقسىتىدە، خەلقئاراغا ئۇنىڭ ھەققىدە تۈرلۇك سەلبى ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

بۇگۈنكى بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا، دېموكراتچى خىتايلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، تۈرۈك دوستلار، بىر قىسىم فرانسىيىلىكلەر ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئەركىن ئەپەندىنىڭ سوزى تۈگىگەندىن كېيىن دېموكراتچى خىتايلارنىڭ ۋەكىلى چىقىپ سوز قىلدى:

"1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۇنى غۇلجا شەھرىدە جۇڭگۇ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 500 دەك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدەك قانلىق ۋەقە يۇز بەرگەن ئىدى، بۈگۈن بىز بۇ يەرگە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە بۇ ۋەقەنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يىقىلدۇق. ئۇيغۇر خەلقى جۇڭگودا كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مىللى زۇلۇمىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچراپ كېلىۋاتقان خەلق. ئۇيغۇرلار. تىبەتلەر ، بىز دېموكراتچى خىتايلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشتا ئورتاق تەرىپىمىز بار".

دېموكراتچى خىتايلار ۋەكىلى سوز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، فالۇنگۇڭ مۇرۇتلىرى ۋەكىلى ۋە باشقا ۋەكىللەر چىقىپ سوز قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ۋە فرانسۇزلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە تۇيغۇلىرىنى بىلىپ بېقىشقا ھەركەت قىلدۇق. ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ فرانسىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئەخەت ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھېسىياتىنى بايان قىلدى.

بۇگۈنكى پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ فرانسۇز دوستلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تېخى يېقىندىلا تونۇشۇپ دوست بولغان بىر نەپەر فرانسۇز ئوقۇغۇچىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەن ئۇيغۇرلار بىلەن، فرانسىيىگە ئوقۇقىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق تونۇشقان، ھازىر ئۇلار بىلەن يېقىن دوستلاردىن بوپ قالدۇق، مەن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشۈرۈش ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ تونۇشۇش ئۈچۈن بۈگۈن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتىم، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىمەن"

ئاخىردا بىز يەنە بۇگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىرىدىن بىرى بولغان تۇرغۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

"5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇگۈنكى بۇ خاتىرلەش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 - 16:30 قىچە بىر يېرىم سائەت داۋام قىلدى.

بۇ ھەقتە، نورۋېگىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسەمەتنىڭ تېلېفۇن ئارقىلىق فرانسىيىدىكى پائالىيەتتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.