
1997 - يىلى 5 – فېۋرال كۈنى، غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغانلىقىغا 9 يىل بولدى. شۇندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى دېگۈدەك تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشقا ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى شۇنداقلا ھەرخىل شۇئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۇرىۋېلىشقان ئىدى. ھەممە بىردەك شۇئارلارنى توۋلاشتى.
بۇ نامايىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.